新闻详情

ساختا بەخت

发表时间:2021-01-15 13:24作者:ئەلكۈيى来源:ئۈندىدار سالونى



يېقىندا «خاككېر ئىمپىرىيىسى» (黑客帝国) ئۇسلۇبىدىكى يېڭى فانتازىيەلىك كىنو «ساختا بەخت»(天赐之福)نىڭ تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى. كىنودا سالما خايېك، ئوۋېن ۋېلسون قاتارلىقلار باش رول ئالغان. كىنودا تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئىشلىرى ئانچە ئوڭدىن كەلمەيۋاتقان ئەر بىر سىرلىق ئايالغا ئۇچرايدۇ ھەمدە ئۇ ئايالنى رېئال تۇرمۇشتا ئۇچراتقانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئەمدى «بەختلىك» تۇرمۇشقا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغاندا كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز «قورقۇنچلۇق» يېڭى بىر دۇنيا پەيدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغان ئىككى دۇنيانىڭ زادى قايسىسى رېئاللىق قايسىسى ساختا دۇنيا؟ ئۇلار ساختا دۇنيادا قانداق ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقىدۇ؟ ئۇلار يۈزلىنىشنى خالىمىغان يەنە بىر «قورقۇنچلۇق» دۇنيا زادى قانداق دۇنيا؟ ئىككىيلەن ئاخىرىدا قايسى دۇنيانى تاللايدۇ؟ يۇقىرىقى مەزمۇنلارنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز كىنو «يەنە بىر يەر شارى»(另一个地球)نىڭ رېژىسسورى مايك كاخىل رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «ساختا بەخت» ھۇزۇرىڭىزدا بولسۇن. بۇ كىنو 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: