新闻详情

تېم كۇك يىڭى قارا چىقاردى

发表时间:2021-01-15 17:13作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

640-24.gif640-59.png






ئالما شىركىتىنىڭ CEOسى تىم كۇك تۈنۈگۈن كەچتە بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، يېقىندا تېسلانىڭ ئەمەلىي كۈچى ئېشىپ ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ پاي چېكى باھاسى بارغانسېرى ئۆرلەپ كەتتى، ئەسلىدە ئالما شىركىتىنىمۇ دولقۇنغا ئەگىشىپ، تارقىلىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان ئاپتوموبىل ياساش پىلانىنى ئېلان قىلىشى ئېنىق دەپ قارالغان. لېكىن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، تۈنۈگۈن كەچ سائەت 10دا، تىم كۇك ئالما شىركىتىنىڭ پىلانىنى رەسمىي ئېلان قىلىدى، ئۇ بولسىمۇ ئالما شىركىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئىرقىي باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ھەرگىزمۇ ئاپتوموبىل ياساش پىلانى ئەمەس!

بۇنى بىر تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ، كۇك تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئالما شىركىتىنىڭ بۇ تەدبىرىگە Racial Equity and Justice Inititativvve دەپ نام بېرىلىپ، قىسقارتىلىپ REJI دەپ ئاتىلىدۇ، ئۈچ چوڭ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ئالدى بىلەن Propel مەركىزىنى قۇرۇپ، ئالما ئاچقۇچىلار شۆيۈەنىنى قۇرۇپ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ھەرخىل ئىرقتىكى كارخانىچىلارنى قوللايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى ناھايىتى تېزلا تۇنجى نۆۋەتلىك قارا تەنلىك ئىجادچىلار ۋە ئاچقۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن كارخانىچىلار يازلىق لاگېرى ئۆتكۈزۈپ، ئالما مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ بىرگە بىر پىروگرامما تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، شۇنداقلا ئالمىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى، ئىلھامى ۋە قاراشلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. گەرچە ئاپتوموبىل ياساشتەك چەمبىرەكنى جانلاندۇرىدىغان خەۋەر بولمىسىمۇ، لېكىن ئالمىنىڭ بۇ تەدبىرى تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: