新闻详情

مائارىپ ئىدارىسى يڭى ئۇقتۇرش چىقاردى

发表时间:2021-01-15 17:18作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن

640-24.gif640-59.png




نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنلىرى ئىنتايىن ئازادە ئۆتىدۇ. بۇ گەپ ھەقىقەتەن توغرا، ئوقۇغۇچىلار دەرسكە بارغۇسى كەلسە دەرسكە بارىدۇ، ئوينىغۇسى كەلسە ئوينايدۇ، ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلايدۇ، ئاتا ئانىسى مىڭ تەسلىكتە ئىشلەپ تاپقان پۇلنى «لايىقى» ۋە «بۇرادەرلىرى» بىلەن بىللە خەجلەيدۇ، ئۇلار پەقەت كۈن بويى مەكتەپتە لاغايلاپ «كۈن ئۆتكۈزسىلا» بولىدۇ. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئىككى كېنىشكە (ئۇنۋان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى)نى بىر ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن تەلىيى بولسا ئۆزى خىزمەت تاپىدۇ، بولمىسا ئاتا ئانىسىنىڭ «يول مېڭىشى» بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ.

ئۇنداق ئەمەس دەۋاتامسىز؟ ئىشەنمىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلاردىن سوراپ بېقىڭ، ئىشىنىمەنكى %70 ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ رېتىمدا. كىشىلەر ھەر قېتىم ئالىي مەكتەپ ھەققىدە پاراڭلاشقاندا، بەزىلەر «ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋاقتىنى دەرسخانىدا ئۆتكۈزمەستىن بەلكى باشقا يەرلەردە ئۆتكۈزىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مائارىپىمىزدا چوقۇم مەسىلە كۆرۈلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «يۈكىنى ئاشۇرۇش» چاقىرىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشگە ئەگىشىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ قاراپ ئولتۇرماستىن، تولۇق كۇرس (本科) مائارىپىنى تۈزەپ تەرتىپكە سېلىشقا باشلىدى.

ئەمدى ئويغانمىسىڭىز راستىنلا چاتاق چىقىدىغان بولدى! «ئوقۇش پۈتتۈرۈش تولۇقلىما ئىمتىھانى» (清考)مۇ يوق بولدى، ئەمدى «تېخىمۇ يامان ئىش» يۈز بەرمەكچى!

2018-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى «يېڭى دەۋردىكى مەملىكەتلىك تولۇق كۇرس مائارىپ خىزمەت يىغىنى روھىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش «چىقىش ئېغىزى»نى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە «ئوقۇش پۈتتۈرۈش تولۇقلىما ئىمتىھانى» تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ مىنىستىرلىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇھاكىمە ماقالىسى (毕业论文)، ئوقۇش پۈتتۈرۈش لايىھەسى (毕业设计) قاتارلىقلارغا قارىتا، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھاكىمە ماقالىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش، ساختىلىق قىلىش ۋە ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش قاتارلىق بىر قىسىم ئىنتىزام مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2019-يىلى مائارىپ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ (陈宝生) ئوقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىزنىڭ مائارىپىمىز «ئوتتۇرا مەكتەپتە جاپالىق ئۈگىنىش» ۋە «ئالى مەكتەپتە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش» ئىدى، بۇ خىل ئەھۋالنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك.

شۇ يىلى، جەي تيەنلىن (翟天临)نىڭ ئىلمىي ماقالە (学术) ئالدامچىلىقى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇھاكىمە ماقالىسى مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىدى. مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا قارىتا ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلمىي ماقالە قائىدىلىرىگە سەل قاراش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە مائارىپنىڭ ئادىللىقىغا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويمايدۇ. بۇ قىلمىشلار ئۈچۈن بىز چوقۇم قەتئىي بايقاش، دەلىللەش ۋە بىرلىكتە تەكشۈرۈشىمىز كېرەك!

ھازىر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىشى ھەقىقەتەن تەسلىشىپ كەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش تولۇقلىما ئىمتىھانى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە، ئۇلار بەلكىم ئوقۇش پۈتتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر «قاتتىق تەكشۈرۈپ كىرگۈزۈش ۋە قاتتىق تەكشۈرۈپ چىقىرىش» دەۋرىنى رەسمىي باشلىدى.

ئەمما بۇ ئىش تېخى ئاخىرلاشمىدى، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە بىر ھەرىكەت قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يەنە بىر «شۇم خەۋەر»نى ئېلىپ كەلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىكى تارقاتقان ئەڭ يېڭى «تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇھاكىمە ماقالىسى ئەۋرىشكە ئېلىشنى تەكشۈرۈش چارىسى (سىناق يولغا قويۇلىدۇ)»غا ئاساسەن، بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ تولۇق كۇرسنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇھاكىمە ماقالىسى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدا بېرىلگەن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بولىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن، ئەۋرىشكە ئېلىش نىسبىتى ئىككى پىرسەنتتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇھاكىمە ماقالىسىدە باشقىلارنىڭكىنى ئىشلىتىش، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ياكى ساختىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانسا، بېرىلگەن ئۇنۋان ۋە ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇھاكىمە ماقالىسىگە ساختىلىق ئىشلەتكەن، ئاندىن تەلىيىڭىز كېلىپ ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئالغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز، ئەمما ئىككىنچى يىلى يەنە تەلىيىڭىز كېلىپ سىز يازغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇھاكىمە ماقالىسى ئەۋرىشكە ئېلىنىپ تەكشۈرۈپ لاياقەتسىز بولسا، ئۇنۋانىڭىز بىكار قىلىنىدۇ. بۇ دېگەنلىك، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى ئەستايىدىل يېزىشى، ھورۇنلۇق قىلىپ تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىم، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «ياخشى كۈن» ھەقىقەتەن كەلمەسكە كەتتى! نۇرغۇن تورداشلار: «بەختكە يارىشا مەن بالدۇرلا ئوقۇش پۈتتۈرىۋاپتىمەن! بولمىسا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرەلەمدىم-يوق؟ راستىنلا بىر نېمە دېمەك تەس ئىدى» دېيىشتى.

ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىگە كەلسەك، چوقۇم بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نارازى بولىدۇ. كىم بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىكار دەيدۇ؟ ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز-ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلىپ ئاكتىپ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىنى ساقلايدۇ. بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئېنىق نىشانى بار، ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقىلارغا يۈك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز-ئۆزىگە بېسىم قىلىپ ئۆگىنىدۇ.

ئەمما ئالىي مەكتەپتە يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بار، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا پىلانى يوق، ئۇلار پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلايدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىزنىڭ ئوقۇش جەريانىدا قىلغان ھورۇنلۇقىنىڭ بەدىلىگە خىزمەتكە چۈشكەندە ھەسسىلەپ جاپا تارتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى بولسا دەل مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇلار ھازىر نارازى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كەلگۈسىدە خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۇلار چوقۇم مائارىپ مىنىستىرلىكى قوللانغان بۇ تۈزۈملەرنىڭ توغرىلىقىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇشۇ تۈزۈم سەۋەپلىك مەجبۇرى تىرىشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ!

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: