新闻详情

بىيادىنىڭ چىتىلدىغان ساھەلىرى قايسى؟

发表时间:2021-01-15 17:33作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

640-24.gif640-59.png




بىيادىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئېلېكتر شىركىتى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يوللاردا چېپىپ يۈرگەن بىيادى ئاپتوموبىللىرىغا قاراپ، سىز بەلكىم بۇنىڭ بىر پاكىت ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىراق، بىيادى سېپى ئۆزىدىن بىر باتارېيەگە تايىنىپ باش كۆتۈرگەن ئېلېكتر شىركىتى. ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر بىيادى شىركىتىنىڭ بۇ ئاساسلىق كەسپىنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇنداقتا كۆپچىلىك بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

图片

بىيادى تېخى قۇرۇلماستىنلا «بىيادى باتارېيەسى» بىخ چىقىرىشقا باشلىغان

ئالدى بىلەن بىز بىيادى قۇرغۇچىسىنىڭ ئىلگىرى نېمە كەسپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا قاراپ باقايلى. بىيادى قۇرغۇچىسى ۋاڭ چۈەنفۇ گويا باتارېيە ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەك بىر ئادەم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا باتارېيە تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەن، ئاسپىرانت ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىمۇ باتارېيە تەتقىق قىلغان، دوتسېنت ئۇنۋانى بىلەن ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقاندىمۇ ئۇ يەنە بىر تۈركۈم ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ باتارېيە تەتقىق قىلغان.

图片

ۋاڭ چۈەنفۇنى «باتارېيە ماھىرى» دېسەك قىلچە مۇبالىغە ھېسابلانمايدۇ، ئۇ كېيىن دۇنياغا كەلگەن «بىيادى» ئۈچۈن چوڭقۇر ئاساس سالغان.

بىيادىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى

داگېدا (大哥大) يانفونى ھېلىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېنىق ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، ئەينى چاغدا ئۇنى «سالاھىيەتنىڭ سىمۋولى» دېيىشكە بولاتتى، لېكىن كۆپچىلىك بۇ يانفوننىڭ ئىچىدىكى باتارېيەنىڭ بىيادىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى ئويلىغانمۇ؟

图片

1995-يىلى تېلېفون تازا ئەۋج ئالغان چاغدا، ئالىي مەكتەپتە دوتسېنت بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاڭ چۈەنفۇ سودا پۇرسىتىنى سەزدى. ئۇ «داگېدانىڭ باتارېيەسىگە نىسبەتەن بازاردا چوقۇم زور ئېھتىياج بار» دەپ قارىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزى ئەسلىدىنلا مەخسۇس بۇ جەھەتتىكى تېخنىكىنى ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ چۈەنفۇ قەتئىيلىك بىلەن «دېڭىزغا چۈشۈپ» ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىغان، شۇنداقلا شېنجىندا بىيادى ئوقەتچىلىك شىركىتىنى رەسمىي رويخەتكە ئالدۇرغان.

图片

بىيادى باتارېيەسىنىڭ گۈللىنىشى

شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىيادى شىركىتى تۆۋەن تەننەرخ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۆلەت ئىچىدە ئەينى چاغدىكى ئەڭ چوڭ داگېدا تېلېفونى ياساش كارخانىسى-دابا (چوڭ زومىگەر) شىركىتىنىڭ باتارىيە زاكاسلىرىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق زاكاسقا ئېرىشكەندىن كىيىن، بىيادى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىغا دۇچ كەلدى.

图片

پۇل-مۇئامىلە بورىنى بىۋاستە باتارېيەنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەينى ۋاقىتتا زومىگەر ھېسابلانغان ياپونىيە باتارېيە زاۋۇتلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. لېكىن ئەينى چاغدىكى بىيادى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتىملىق «پۇل تاپىدىغان» پۇرسەت ئىدى. تەننەرخى تۆۋەن ۋە سېتىلىش باھاسى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا، ئەينى چاغدا موتورولا، فىلىپ، پاناسونىك قاتارلىق داڭلىق خەلقئارا ماركىلارنىڭ ھەممىسى بىيادى شىركىتىنى ئىزدەپ زاكاس بەردى، بىيادى شىركىتى ئۈچ يىلدىلا دۇنيا بازىرىنىڭ ٪40تىنى قولىغا ئالدى.

图片

بۇ قېتىمقى« ئۇرۇش» بىيادىنىڭ نامىنى چىقارغاچقا، كېيىن دۇنيا ماگناتى نوكىيا بىيادىنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىيادىمۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ زەرەتلەش باتارىيەسى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە ئايلاندى.

بىيادىنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمۇ باتارېيەدىن ئايرىلالمايدۇ

图片

سودا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ۋاڭ چۈەنفۇ «بىيادى ھامان كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ» دەپ قارىغان. ئۇنىڭ نەزەرىدە، ئاپتوموبىل كەسپى دەل كېيىنكى «شامال ئېغىزى» ئىدى. باتارېيە كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئاساسىدا، كۆپ قىسىم ئاپتوموبىل كارخانىلىرى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىق قىلغاندا، «توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان» بىيادى شىركىتى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يولدا مېڭىپ، توكلۇق ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ھەمدە بىيادى F3DMنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

图片

كۆپ يىللىق باش چۆكۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ياساش ئارقىلىق، ھازىر بىيادىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەتتا چەت ئەللەرگىچە سېتىلىۋاتىدۇ. ياپونىيە، ئەنگلىيە، ھىندىستان قاتارلىق يەر شارىدىكى 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ «BYD» ئاپتوموبىلىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئاخىرقى خۇلاسە:

توردىن تەكشۈرگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق ھازىرقى بىيادى شىركىتىنىڭ بىر ئېلېكتىر شىركىتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئاساسلىق تىجارىتى فوتوۋولت، ئېنېرگىيە ساقلاش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، رېلىسلىق قاتناش قاتارلىق ئېلېكتىرونغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (بىيادىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە قارىساق، ئاپتوموبىلغا ئائىت كەسپى تېخى بىر قەدەر ئاز)

ئۇنداقتا، بىيادىنىڭ يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل كەسپى پەقەتلا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «بىر سەكرەش تاختىسى» ئوخشىمامدۇ؟ بىيادىنىڭ «ھەقىقىي قىياپىتى»گە قارىتا كۆپچىلىك قانداق قاراشتىكىن؟

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: