新闻详情

ئۈندىدار يىڭى بەلگىلمە چىقاردى

发表时间:2021-01-15 17:47作者:ئەلكۈيى来源:ئۈندىدار سالۇنى

ھەر قانداق ئىجتىمائىي يۇمشاق دېتال، پەقەت ئادەم كۆپ بولسىلا، ئۇ ئاخىرىدا ئېقىم يىغىش ماشىنىسى ۋە ئېلانلارنىڭ يىغىلىش مەركىزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۈندىدارمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. پەقەت يېتەرلىك ئالاقىداشلار ۋە ئۈندىدار توپى بولسىلا، ھەر كۈنى ھەر خىل غەلىتە ئۇلىنىشلارنى قوبۇل قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

2021111

پىندودونى مىسالغا ئالايلى، ئاندا-ساندا ياكى بىر-ئىككى قېتىم باھا كېسىشكە ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇ بەلكىم «كىچىككىنە ئىش» بولسىمۇ مۇناسىۋىتىڭلارنى يېقىنلاشتۇرالىشى مۇمكىن.

ئەمما، ئەگەر بۇنداق ئۇلانمىلار كۈن بويى توختىماستىن كېلىۋەرسە، چىداش تەس. ھەر قايسى مەھسۇلات دېرىكتورلىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: بۇ ئىشلار ئىشلەتكۈچىنىڭ مەھسۇلات ئىشلىتىش تەسىراتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

图片

شۇڭلاشقا، ئۈندىدار ئاخىرى بۇ ئىشلارغا قارىتا «زەھەرلىك قولىنى سېلىش»نى قارار قىلدى.

تېخى ئۈلۈشكۈن يەنى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ يۆتكىلىش ئۇلىنىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يېڭىلىدى.

تەسىرگە ئۇچرىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى داڭلىق، مەسىلەن: پىندودو (پىندودو بىۋاسىتە تارقىتىش)، شياۋخوڭشۇ (小红书)، جىخۇ (知乎)، ياخشى سىن (好看视频) ... بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئەپ دېتاللار بار، ئۈندىدار بۇ ئەپ دېتاللارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سىرتقى ئۇلىنىشىغا قاتتىق چەكلىمە قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا باشقا نۇرغۇن كىشىلەر چۆچۈپ كەتتى. ئۈندىدارن بىراقلا تور ساھە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يېرىمىنى رەنجىتىپ قويدى، بىرەر نەرسە تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ قانداق؟

图片

كىشىنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى، ئۈندىدار بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئەپ دېتاللىرىنىمۇ بوش قويىۋەتمىدى، QQ مۇزىكىسى ۋە QQ توركۆرگۈچىمۇ بۇ تىزىملىككە كىردى.

图片

تورداشلار مۇنداق دېيىشتى:

ئۈندىدار بىلەن ئۇرۇشماڭ، ساراڭلىقى تۇتسا ھەتتا ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇشتىنمۇ يانمايدۇ.

ئەمدى ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرۈپ باقايلى.

图片

بەلگىلىمىگە خىلاپ سىرتقى ئۇلىنىشقا قارىتا، ئۈندىدار چىقارغان بىر تەرەپ قىلىش بولسا مۇنداق: سىرتقى ئۇلانمىلارنى ئۈندىداردا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ئابونتلار ئۇنى چوقۇم ئاچماقچى بولسا، پەقەت «داۋاملىق زىيارەت قىلىش»نى چەكسە بولىدۇ ياكى ئۇلىنىشنى كۆچۈرۈپ تور كۆرگۈچتە زىيارەت قىلسا بولىدۇ.

بۇلارنى كۆرۈپ ئۈندىدار ھەقىقەتەن قاتتىق قوللۇق قىلىپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، پەقەت بىر ياكى ئىككى قېتىملىق چېكىش مەشخۇلاتى كۆپەيدى خالاس.

ئەمما مەھسۇلاتنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئارتۇقچە «بىر ياكى ئىككى ھەرىكەت» بۇ سىرتقى ئۇلىنىشلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن «ئۆلۈمى»نى ئېلان قىلىپ، ئېچىلىش نىسبىتىنىڭ بىۋاسىتە مۇزلاش نۇقتىسىغا چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، تورغا چىقىش ئادىتى جەھەتتە، ھەممىمىز «ھورۇن»لۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يېتەي دەپ قالدۇق.

图片

بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا سىنا مىكرو بىلوگ (微博)نىڭ ئىزدەش تىزىملىكىدە پەيدا بولۇپ، تورداشلار ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

图片

كۆپىنچە تورداشلار تېڭشۈننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ماختىدى ھەمدە ئۈندىدارنىڭ بۇ مەشغۇلاتى ئادەمنى ناھايىتى راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ دېدى.

تورداشلارنىڭ بۇنداق قوللىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ھېلىمۇ ئېسىمدە مال سېتىۋېلىش دولقۇنى يېتىپ كەلگەندە، دوستلىرىم ۋە تۇغقانلىرىم ھەمىشە بۇنىڭ باھاسىنى كېسىپ بېرىڭ، ئۇنىڭ باھاسىنى كېسىپ بېرىڭ دەپ تۇرىۋالاتتى. ئالدىراش ۋاقىتلاردا بۇنداق نەرسە ھەقىقەتەن ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ئۇنداقتا، ئۈندىدار بۇ قائىدىنى يولغا قويغاندىن كېيىن باھا كەسكىلى بولمامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۈندىدارنىڭ بۇ قېتىم چىقارغان قائىدىسى پەقەت بەلگىلىمىگە خىلاپ سىرتقى ئۇلىنىشنى چەكلەپ قويدى، بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقى ئۇلىنىشنى ئۈندىداردا بىۋاسىتە ئاچقىلى بولىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.

پىندودونىڭ باھا كېسىش ئۇسۇلى تاۋباۋغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئۈندىدار ئارقىلىق سىرلىق كود ئەۋەتىپ، ئاندىن ئۇنى پىندودو، تاۋباۋ قاتارلىق ماس ئەپلەرگە كۆچۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ئۈندىدارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سىرتقى ئۇلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىشى بىلەن زىت ئەمەس. چۈنكى بۇ سىرلىق كودلار سىزنى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىگە ئاكتىپ يېتەكلىمەيدۇ.

图片

گەرچە تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا سىزنىڭ ھازىر باشقىلارغا باھا كېسىپ بەرمەسلىككە قارىتا يەنە بىر باھانىڭىز كۆپەيدى: «كەچۈرۈڭ، ئۈندىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ سىرتقى ئۇلىنىشنى چەكلەيدىغان بولغاچقا، مەن ئەمدى بۇ كودنى پىندودوغا كۆچۈرۈپ، باھا كېسىشكە ياردەم بېرەلمەيمەن». بەلكىم بۇ سەۋەب 100 پىرسەنت ئىناۋەتلىك بولماسلىقى مۇمكىن... چۈنكى ئەقىللىق ئادەم ناھايىتى تېزلا سىزنىڭ يالغانچىلىقىڭىزنى بىلىپ قېلىپ، سىزگە بىر پارچە سىرلىق كود ئەۋەتىپ، سىزگە باھا كېسىپ بېرىشنى ئېيتىدۇ.

图片

ئەمدى بىز بىرلىكتە، قانداق سىرتقى ئۇلىنىشلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ قارىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

جىخۇ ئەپلىرىدىكى پايدىلىق ئۇچۇرلاردىن مىسالغا ئالايلى:

جىخۇدا سىز بىر ياخشى ماقالىنى كۆرۈپ دوستلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدىڭىز. دوستىڭىز سىز يوللىغان ئۇلىنىشنى چېكىدۇ، بۇ بەتتە «تېخىمۇ كۆپ ياكى تولۇق جاۋابنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەپتە ئېچىڭ» دېگەندەك سۆزلەر كۆرۈنىدۇ، بۇ بولسا ئۈندىدارنىڭ چەكلەش كۆرسەتمىسى بولۇپ، بۇ خىل سىرتقى ئۇلىنىش بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ھېسابلىنىدۇ.

QQ مۇزىكىسىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىرتقى ئۇلىنىشى بولغاچقا، گەرچە ئىككىسى بىر ئۆينىڭ تامىقىنى يېگەن بولسىمۇ، ئۈندىدار قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلمىدى. ئۈچىنچى تەرەپ قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنى ئېچىشنى ئېنىق ئەسكەرتىدىغان بۇنداق سىرتقى ئۇلىنىشلارغا نىسبەتەن، بىردك بارلىق مەشغۇلاتلار چەكلەنگەن.

«ئۈندىدار سىرتقى ئۇلىنىش مەزمۇنىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن، بۇ خىل بەلگىلىمىگە خىلاپ سىرتقى ئۇلىنىشلارنىڭ ئۈندىداردا داۋاملىق تارقىلىشى چەكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈندىداردىكى بارلىق تور نامى ياكى IP ئادرېسىنى بىۋاسىتە ئېچىپ ۋە زىيارەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلەش ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. نۇرغۇن تورداشلار بۇنى ئۈندىدارنىڭ ئېكولوگىيىلىك بايلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم دەپ قارايدۇ.

چۈنكى ئۈندىدار ئەپچىقىنى قوللايدىغان نۇرغۇن قوللىنىشچان پروگراممىلار بار، ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ سىرتقى ئۇلىنىشلار ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈندىداردىكى يازمىلارنى ئوقۇش ۋە ئەپچاق ئىشلىتىش تەسىراتىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئوخشاشلا، ئۇ يەنە ئۈندىدارنىڭ ئېكولوگىيە مەزمۇنىنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز.

图片

ئەلۋەتتە، ئۈندىدارنىڭ چەكلىشى توغرىسىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان قاراشلارمۇ بار. مەسىلەن: نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى رىقابەتچىلەرنى باستۇرۇشتىكى ئېسىل باھانە دەپ قارايدۇ. بىز ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەقەت بىزدەك ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدىلىق بولسىلا، ئۈندىدار ئىشلىتىش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمە چىقىشتىن قەتئىنەزەر، ئۇنى قوللايمىز.


分享到: