新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە «شادلىق 8» ئۇيۇنى ھەققىدە

发表时间:2021-01-15 12:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كالا يىلى كىرىشى بىلەن، «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىغا كىرىپ، لاتارىيە بازاردا «خۇشاللىق بىلەن سەپەرگە چىقىش» لاتارىيە سېتىۋېلىش دولقۇنىنى قوزغىدى، ئىككى كۈنلۈك مۇكاپات ئېچلىش جەريانىدا، ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەر دەسلەپكى قەدەمدىكى يېڭىلىقلارنى تېتىپ، «شادلىق 8» نىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ۋە ئۆزگىچە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

ھالبۇكى، «شادلىق 8» گەرچە قىزىقارلىق بولسىمۇ، سېھرىي كۈچ ۋە خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پەيتىدە، ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرى يەنىلا مۇۋاپىق ھالدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش كېرەك. كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، لاتارىيەچىلەرنى ساغلام ھالدا لاتارىيە سېتىۋېلىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ خەتىرىنى كونترول قىلدى: بىرىنچى، «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ ھەر بىر قاراردىكى نومۇر سانىغا چەك قويۇپ سېتىشنى يولغا قويدى، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن چەكلىك سېتىش چارىسىنى بېكىتتى ھەم ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر دو تىكىش نومۇرى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، دو تىكىشكە بولمايدۇ. ئىككىنچى، «شادلىق 8» ناملىق ئويۇننىڭ ھەر بىر سانىدا ئەڭ كۆپ قايتۇرۇلىدىغان مۇكاپات سوممىسى چېكى خەۋپ-خەتىرى كونترول قىلىنىدۇ، ئەگەر شۇ قاراردا بېرىشكە تېگىشلىك مۇكاپات سوممىسى ئەڭ كۆپ قايتۇرۇلىدىغان مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسىدىن ئېشىپ كەتسە، مۇكاپات دەرىجىسىدىكى يەككە دو مۇكاپات سوممىسى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ، كونكرېت تەڭشەش چارىسىنى جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇكاپات چىققاندا مۇكاپاتنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ باشقا لاتارىيە ئويۇنلىرىغا ئوخشاش، «شادلىق 8» ناملىق ئويۇندا يەككە لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغانلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ يەككە لاتارىيە مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە (500 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلارغا ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ يەككە لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن (10 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلار پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىدا مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى 60 تەبىئىي كۈن بولىدۇ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى ۋە ئۈنۈملۈك سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇ يەردە كەڭ لاتارىيەچىلەرگە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى، ئەگەر لاتارىيە بېلىتى بۇزۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نورمال تونۇيالماسلىق كېلىپ چىقسا، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.

分享到: