新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ئەكبەر 400000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-15 16:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئوچۇق تىپتىكى لاتارىيە بېلىتى «ئون ھەسسە ئامەت» بېلەت تۈرى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى. يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە 65320116 پونكىتىدىن يەنە بىر خۇش خەۋەر كەلدى، بۇ پونكىتتىن 400000 يۈەنلىك «ئون ھەسسە ئامەت» 1-دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى.

      2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، ئەكبەر ئائىلىسى ئەتراپىدىكى 65320116 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى ۋە لاتارىيە پونكىتىغا كىردى، خالىغانچە بەش پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئالدىنقى ئۈچ لاتارىيە بېلىتىدىن كىچىك مۇكاپات چىقتى، گەرچە كىچىك مۇكاپات بولسىمۇ، لېكىن ئەكبەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قانائەت تۇيغۇسى ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئەكبەرنىڭ قولىدا ئىككى تاللا بېلەت قالدى. بىر پارچە «ئون ھەسسە ئامەت» ، بىر پارچە «بەخت ساداسى» ئىدى، بىردەم ئىككىلىنىپ، ئەكبەر ئاۋۋال «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشنى قارار قىلدى، ئەكبەر لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولغاندا بىلەت ئۈستىدىكى سان 24 بولدى، ئۇ كۆڭلىدە ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ ئويلىدى، چۈنكى بۇ نومۇر دەل ئۇنىڭ تەلەي نۇمۇرى ئىدى، مۇشۇنداق بىر تەرەپتىن قىرىپ، بىر تەرەپتىن ئويلاپ، « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ 8-رەت نومۇرىنى قىرغاندىن كىيىن، «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نومۇرى» پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقتى، كۆڭلىدە:« مۇكاپات سوممىسى بەلكىم 20 يۈەن بولسا كېرەك!»-دەپ ئويلىدى، ئەكبەر كەينىدىكى مۇكاپات سوممىسى پۈتۈنلەي قىرغاندىن كىيىن، ئەكبەرنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ كەتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنىڭ «ئون ھەسسە ئامەت» 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، مۇكاپات سوممىسى 400000 يۈەن بولدى.

بۇنىڭدىن خۇشال بولغان ئەكبەر ناھايىتى تېزلا ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە «بەخت ساداسى» نى قىردى، مۇكاپات چىقمىدى، ئەكبەر دەرھال قولىدىكى «بەخت ساداسى»   لاتارىيە بېلىتى تاشلاپ قۇيۇپ، «ئون ھەسسە ئامەت» نى ئېلىپ، مال ساتقۇچىنى مۇكاپات چىققان-چىقمىغانلىقىغا سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى، مال ساتقۇچى خادىم سېلىشتۇرغاندىن كېيىن دەرھال:« مۇبارەك بولسۇن، سىزگە 400000 يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ!»-دېدى، مال ساتقۇچى ئەكبەرگە، بۇ مۇكاپاتنى ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەكبەر ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن كېچىچە كۆز يۇمماي، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئۈرۈمچىگە قانداق بېرىپ مۇكاپاتنى ئېلىپ كىلىشنى ئويلاپ چىقتى.

ئەكبەر 1 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى سەھەردىلا ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ «ئون ھەسسە ئامەت» 400000 يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتىنى ئالدى، ئۇ مېڭىشتىن ئىلگىرى خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق دېدى:«پاراۋانلىق لاتارىيەسى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ماڭا ئوخشاش تۇرمۇشتىن غەم قىلمايدىغان كىشىلەرگىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللاپ، دۆلەتنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا كۈچ قوشىمەن.»-دېدى.

1.png

分享到: