新闻详情

گۇما ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى مەمەت 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-14 13:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

        2020 ـ يىلى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا بىز يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالدۇق، بۇ سوغۇق قىش پەسلىدە، خوتەن پاراۋانلىق لاتارىيەچىلىرى پاراۋانلىق لاتارىيە يېڭى ئۇيۇنى «شادلىق 8» نى كۈتۈۋېلىپلا قالماي، يەنە تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ يېڭى تىپتىكى لاتارىيە بېلەت تۈرلىرىنى كۈتىۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئوۋيې» بەش يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى ۋە «خەنشى كەچلىك زىياپىتى» 30 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى بار ئىدى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن گۇما ناھىيەسىدىن مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى. شۇ جايدىكى يېڭى، كونا لاتارىيەچىلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، بەس ـ بەستە گۇما ناھىيەلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى 65320184   پونكىتىغا كەلدى، ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمدى، ئاشۇ نەچچە كۈندە، گۇما ناھىيەلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى 65320184   پونكىتىدا كىشىلەر ئېقىمى مەۋج ئۇرۇپ، بىردەممۇ دەم ئالمىدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مەمەت بىر تارتىنچاق يىگىت بولۇپ، 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى گۇما ناھىيەسىدىكى 65320184 پونكىتىدا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناش جەريانىدا، يېڭى بېلەت «خەن شىزەينىڭ كېچىلىك زىياپەت خەرىتىسى» نىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈچ پارچە بېلەت سېتىۋالغان، ئويلىمىغان يەردىن بىر پارچىسىدىن 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىققان. «خەن شىزەينىڭ كېچىلىك زىياپىتى» لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، مەمەت كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى، ئۇ دەرھال بېلەتنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ تاغىسىغا ئېيتتى. 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، مەمەت تاغىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى، ئۇ تارتىنغان ھالدا مۇنداق دېدى:« 1 مىليون دېگەن بۇ سان مەن ئۈچۈن بەك چوڭ، قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم، ئۆيگە قايتىپ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ياخشى مەسلىھەتلىشىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا لاتارىيە سېتىۋالىمەن! پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مېھىرـ مۇھەببىتىنى تەقدىم قىلىمەن.»-دېدى.

2.png

分享到: