新闻详情

چاغانلىق دەم ئىلىش ئۇختۇرشى

发表时间:2021-01-16 12:45作者:ئەلكۈيى来源:CNR

640-24.gif

640-59.png





14-يانۋار بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2021-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

src=http___p0.ifengimg.com_pmop_2017_0126_B1DB8F28C1C8931D8B0A7D806DB4A61FF08D3C44_size62_w640_h427.jpeg&refer=http___p0.ifengimg.jpg13-يانۋار، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت «سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بېيجىڭدا قېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈش مەزگىلىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى قايىل قىلىش، ئىش بېرىش، مائاش قوشۇپ بېرىش، مېھىر يەتكۈزۈش ئارقىلىق بېيجىڭدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئېلىپ قېلىشقا ئالاقىدار تەلەپ ۋە تەدبىرلەرنى نۇقتىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بېيجىڭدا خۇشال-خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. زاكاز كۆپرەك، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى ئېغىر، ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسپىي بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى چاغاندا بېسىق مەزگىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىشنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىش قاتارلىق پىلانلارنى كېڭىشىپ تۈزۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
بۇ يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش يەتتە كۈن (11-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە)، 12ـ، 13ـ، 14ـ فېۋرال قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، 11ـ، 15ـ، 16ـ، 17ـ فېۋرال تەڭشەلگەن دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.



تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: