新闻详情

يېڭى ئۇيۇن «شادلىق 8» كۆپچىلىككە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

发表时间:2021-01-14 16:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش سېتىلىدىغان جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى شىنجاڭ رايونىدا بازارغا سېلىنىپ سېتىلدى! بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا لاتارىيە   بازىرىدا دولقۇنلار كۆتۈرۈلدى، شىخەنزىدىكى لاتارىيەچىلەر بەس ـ بەستە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىنىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

3.png

«يېڭى ئويۇن بازارغا سېلىنغاندا، كونا-يىڭى لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى بەس ـ بەستە قاتناشتى، بەزىلەر بىر تەرەپتىن سېتىۋېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قائىدە ـ تۈزۈملەرنى تەتقىق قىلىپ باقتى، يەنە بەزىلەر بۇرۇنلا كۆڭلىدە سان پۈكۈپ قويغان ئىدى، كۆپچىلىك بۇ كۈننى كۈتۈپ كەلگەن ئىدى!»ـــ دېدى مال ساتقۇچى شياۋ ۋاڭ.

نوپۇزلۇق لاتارىيەچى پېڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:« "شادلىق 8" نىڭ قائىدىسى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس، بىراق مېنىڭ ھازىرغىچە چۈشەنچەمگە قارىغاندا، مېنىڭچە 9 قايتىلانما تاللاش بىر قەدەر قىزىقارلىق، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا 10 نى تاللىساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بىراق قايتىلانما دو تىكىش سوممىسى بىر قەدەر چوڭ، ئەمما مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولغاچقا، تەشكىللىك ھالدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالساق ناھايىتى مەنىلىك بۇلىدۇ.»-دېدى.

يەنە تونۇش بولغان لاتارىيەچىلەرمۇ بۇرۇنلا تەشكىللىك ھالدا ھەمراھلىرىنى تېپىپ بىرلىشىپ سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلغان، كۆپچىلىك «شادلىق 8» گە بولغان تونۇش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مۇزاكىرە قىلىپ، پائال چارە-تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ، بىرلىشىپ سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسىغا تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلغان. لاتارىيەچىلەرنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە قاتنىشىش قىزغىنلىقى پائال ئاشقان، بىرلىكتە سېتىۋېلىشمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەر كۈنى كىچىك مۇكاپاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرغان.

4.png

分享到: