新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە يېڭى ئۇيۇنى بازارغا سېلىندى

发表时间:2021-01-05 11:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

خۇش خەۋەر! خۇش خەۋەر! ئاددىي ھەم قىزىقارلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى « شادلىق 8» ئويۇنى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بازارغا سېلىندى! كۆپچىلىك بىرلىكتە خۇشاللىققا قاراپ يۈزلىنەيلى!

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى « شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ مۇكاپات نومۇرى ئىنتايىن كۆپ، مۇكاپات نومۇرى دو تىكىش نومۇرىدىن كۆپ بولۇپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەيلى سىز ئاددىي، مۇرەككەپ، دەنتودىن ئبىارەت قايسى خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي نەپ يەنى مۇكاپات ۋە لاتارىيە سېتىۋېلىشتىن خۇشاللىق تاپالايسىز. بۇنىڭدىن سىرت، ئويۇننىڭ ئون خىل ئويناش ئۇسۇلى ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، كىشىنى چەكسىز ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە « ئوننى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات تۈرىدە لەيلىمە مۇكاپات تەسىس قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، «شادلىق 8» شىنجاڭ رايونىدا يەنە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت مەزگىلىدە، ئومۇمەن شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى « شادلىق 8»   پونكىتلىرىدا ئون خىل تەكرار ئويناش ئۇسۇلى 11 قايتىلانما نۇمۇرى، 12 قايتىلانما نۇمۇرى، 13 قايتىلانما نۇمۇرى، 14 قايتىلانما نۇمۇرى ياكى توققۇز خىل تەكرار ئويناش ئۇسۇلى 10 قايتىلانما نۇمۇرى، 11 قايتىلانما نۇمۇرى، 12 قايتىلانما نۇمۇرى، 13 قايتىلانما نۇمۇرى ئۇسۇلى بويىچە خالىغان بىر خىل قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شادلىق 8 ئويۇن لاتارىيەسى سېتىۋالغۇچىلار، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسلىدىكى دو تىكىش پونكىتى سوۋغا قىلغان بەلگىلەنگەن سوممىدىكى «شادلىق 8» ئويۇن بېلىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئاخىرىدا، تەھرىر كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، ئادەم بىلەن ئادەم 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ياخشى تەلەيگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

5.png

分享到: