新闻详情

مىسسىنىڭ تۇنجى قىزىل كارتىسى

发表时间:2021-01-18 11:27作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچىيۇدى

640-24.gif

640-59.png



2021-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بىلباۋ ئاتلېتكا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش جېڭىگە چۈشتى، ئاخىرىدا بارسېلونا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 2:2 نەتىجىدە تەڭلىشىپ، ئۇزارتىلغان مۇسابىقىدە بىر توپ كەتكۈزۈپ، يېڭى يىلدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇقتىن مەھرۇم بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە بىر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال يۈز بەردى، ئۇ بولسىمۇ، بارسېلونا كاپىتانى مېسسى، رىپېر تەرىپىدىن بىۋاستە قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچرىدى، بۇمۇ مېسسىنىڭ بارسېلونادىكى ئۆزى قاتناشقان 753 مەيدان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسى يۈگۈرۈش جەريانىدا قارشى تەرەپ توپچىسىنىڭ باش تەرىپىگە ئۇرۇۋەتكەن، رىپېر VAR ئارقىلىق ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، مېسسىغا بىۋاستە قىزىل كارتا جازاسى بېرىپ، مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇمۇ مېسسىنىڭ بارسېلونادىكى كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچرىشى بولۇپ، ئۇ ھازىرغا قەدەر بارسېلوناغا ۋاكالىتەن ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 753 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.



تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: