新闻详情

ئالى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەسلەشتىمۇ؟

发表时间:2021-01-18 11:34作者:ئەلكۈيى

640-24.gif

640-59.png







ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى (论文)نى كۆچۈرۈش، ئوغرىلاش، يالغاندىن ياساش، سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش قاتارلىقلار بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ. نۆۋەتتە، ئاسپىرانتلار ئىلمىي ماقالىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىلمىي ماقالە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى باسقۇچىغىچە ئومۇملاشتى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى (لايىھەسى)نى ئارىلاپ تەكشۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقىتىپ، تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى (لايىھەسى)نى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلاپ، ئىلىمىي ساھەدىكى ناچار قىلمىشلارنى تەكشۈردى.

تۇڭجى داشۆسى مائارىپ باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى فەن شيۇدى جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى سۈپەتلىك ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەتكە يۈزلىنىشىدىكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۆزگەرمەيدىغان ئاساسىي روھى ھېسابلىنىدۇ. تولۇق كۇرس ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى ئالىي مائارىپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساسلىق خىزمەت.

2020-يىلى 10-ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋر مائارىپىنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئۈستىدە ئىزدەندى.
دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە ئاسپىرانتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچانلىقى ۋە پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشتىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي ئىلىم ئۆلچىمى ۋە ئاساسىي ئىلىم ساپاسى ئاساس قىلىنىدۇ.

تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى قانداق ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ؟ ئارىلاپ تەكشۈرۈش يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدا باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىلمىي ماقالىلەر ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتە %2تىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئىختىيارىي تاللاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى شۇ رايوندىكى بارلىق تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئۇنىڭ بارلىق تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى قاپلىشى شەرت قىلىنىدۇ.

دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشمۇ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش دائىرىسى ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدا دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈش نىسبىتى %10 ئەتراپىدا، ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا بولىدۇ.
دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرگىلى ئۇزۇن بولمايلا، شۇ يىلى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىغا بولغان تەلەپنى چىڭىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن 2019-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار تارىختىكى ئەڭ قاتتىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى تەلىپىگە دۇچ كەلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تولۇق كۇرس ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ تەكرارلىنىش نىسبىتى %30تىن تۆۋەن بولسا ئىلمىي ماقالە ياقلاشقا قاتنىشىشقا بولاتتى، 2019-يىلى قىسمەن مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى ئەسلىدىكى %30تىن %20كە چۈشۈرۈلدى، تېخىمۇ قاتتىق بولغانلىرى ھەتتا %8تىن تۆۋەن بولدى.

2019-يىلى چىڭخۇا داشۆسى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «چىڭخۇا داشۆسى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا بىر روشەن ئۆزگىرىش بار، يەنى ئىلىمدە دۇرۇس بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلغان، ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىنى كۆچۈرگۈچىلەر مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. ئەسلىدىكى جازادا پەقەت «گۇناھ يېزىشتىن يۇقىرى جازا» بېرىلەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى. تەلەپكە ئاساسەن، «ئىلمىي ساھەدىكى ناچار قىلمىشقا چېتىشلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئالىي مەكتەپلەر ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشى ھەمدە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك» دەپ بېكىتىلدى.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: