新闻详情

بارسېلونا 3:2 بىلباۋ ئاتلېتكا

发表时间:2021-01-18 11:51作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif

640-59.png




/uploadfile/2021/0118/011804464375400000023179.jpg

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بارسېلونا بىلەن بىلباۋ ئاتلېتكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 40-مىنۇتىدا بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، ئارقىدىنلا بىلباۋ ئاتلېتكىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ بىر توپ قايتۇرىۋالدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركەشتى. مۇسابىقىنىڭ 77-مىنۇتىدا بارسېلونا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، ئارقىدىنلا مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا بىلباۋ ئاتلېتكا بىر قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئۇزارتىلما مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئۇزارتىلما مۇسابىقە باشلىنىپلا بىلباۋ ئاتلېتكا يەنە بىر قېتىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىلا تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى. مۇسابىقىنىڭ 11-مىنۇتىدا بارسېلونا كوماندىسىدىن لېنگلېت قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن بىر سېرىق كارتا ئالدى. مۇسابىقىنىڭ 38-مىنۇتىدا مېسسى چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپ تېپىپ ئۆرلىتىۋەتتى. مۇسابىقىنىڭ 40-مىنۇتىغا كەلگەندە مېسسى ھۇجۇم تەشكىللەپ بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزدى. ئارقىدىنلا بىلباۋ ئاتلىتكىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ بىر توپ قايتۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن يېرىم مەيدان 1:1 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ بارسېلونا ئالدى بىلەن ئادەم ئالماشتۇردى. مۇسابىقىنىڭ 52-مىنۇتىغا كەلگەندە مېسسى قارشى تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بەختكە يارىشا ھېچ ئىش بولمىدى. 53-مىنۇتىدا مېسسى تەپكەن ئىختىيارى توپ قاپقا تۆمۈرىنى بويلاپ ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 57-مىنۇتىدا بىلباۋ ئاتلىتكا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئوفسايت بولغانلىقتىن ھېساب قىلىنمىدى. مۇسابىقىنىڭ 77-مىنۇتىغا كەلگەندە ئالبانىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن بارسېلونا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا بىلباۋ ئاتلىتكا كوماندىسىدىن ۋىللالىبرې بىر توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنى ھالاكەت ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئۇزارتىلما مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئۇزارتىلما ۋاقىت باشلىنىپلا بىلباۋ ئاتلىتكا يەنە بىر كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ ۋىللىيامس توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىنى مەيدان ئۇزارتىلما مۇسابىقە باسقۇچىدا ئىككىلى تەرەپ كۈچلۈك تىركەشكەن بولسىمۇ، مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، مۇسابىقىنىڭ 120-مىنۇتىغا كەلگەندە مېسسى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا بىلباۋ ئاتلېتكا 2:3 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى يېڭىپ بۇ قېتىملىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.



تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: