新闻详情

يۇۋېنتۇس 2:0 خەلقئارا مىلان

发表时间:2021-01-18 11:57作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچىيۇدى

640-24.gif

640-59.png




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى يەنى ئىتالىيە «دۆلەت دېربىيسى» مېئاززا توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇسنى كۈتىۋالدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس تەرەپتىن كرىستىيانو رونالدو بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئوفسايت بولغانلىقى ئۈچۈن ھېساب قىلىنمىدى. ئارقىدىن مۇسابىقىنىڭ 12-مىنۇتىدا ۋىدال كاللا توپ كىرگۈزۈپ خەلقئارا مىلان ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقىنىڭ 35-مىنۇتىدا بونۇچى بىر سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى. كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خەلقئارا مىلاندىن بارېللا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ كوماندىسىنى ئىككى توپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدا مۇسابىقە باشلىنىپ يەتتە مىنۇت بولغاندا، خەلقئارا مىلان بىر ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىغا كەلگەندە موراتا پاس چىقىرىپ كرىستىيانو رونالدو بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رېپىر موراتانى ئوفسايت دەپ قاراپ ھېساب قىلمىدى. مۇسابىقىنىڭ 12-مىنۇتىغا كەلگەندە ۋىدال ياخشى پۇرسەتتە بىر كاللا توپ كىرگۈزۈپ خەلقئارا مىلاننى بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى.

مۇسابىقىنىڭ 35-مىنۇت بولغاندا بونۇچى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن بىر سېرىق كارتا ئىستېمال قىلدى. كېيىن ئىككى تەرەپ كۈچلۈك تىركەشكەن بولسىمۇ مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى.

كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خەلقئارا مىلان كوماندىسىدىن باستونىنىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن بارېللا بىر توپ كىرگۈزۈپ خەلقئارا مىلان 0:2 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقىنىڭ 62-مىنۇتىغا كەلگەندە موراتا بىر سېرىق كارتا ئىستېمال قىلدى. كۆپ ئۆتمەيلا خەلقئارا مىلاندىن بارېللامۇ بىر سېرىق كارتىغا ئېرىشتى. كېيىن ئىككى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشقان بولسىمۇ ئاخىرىدا نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولماي، خەلقئارا مىلان ئۆز مەيدانىدا يۇۋېنتۇسنى يېڭىپ قىممەتلىك ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: