新闻详情

لىۋېرپول 0:0 مانچېستېر بىرلەشمىسى

发表时间:2021-01-18 12:10作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif

640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 0:30دا، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 19-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ئەنفىلد توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن برۇنۇ فېرناندېسنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، لىۋېرپولدىن شاچىرىنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى خەتەر پەيدا قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپول قاپقىچىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، برۇنۇ فېرناندېس بىلەن پوگبانىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپىنى توسۇۋالدى، لىۋېرپولدىن تياگونىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى لىۋېرپول ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، روبېرتسوننىڭ تەپكەن توپى قاپقىنىڭ يان سېتكىسىغا تەگدى، فىرمىنونىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، روبېرتسوننىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، شاچىرىنىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، فىرمىنونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توستى، سالاھنىڭ تەپكەن قايتقان توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، مانچېستېر بىرلەشمىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، برۇنۇ فېرناندېسنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، لىۋېرپولدىن فىرمىنونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، راشفوردنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتىكى توپىنى قاپقىچى ئالدىغا چىقىپ بۇزۇۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، برۇنۇ فېرناندېسنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، لىۋېرپولدىن فىرمىنونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، برۇنۇ فېرناندېس بىلەن پوگبانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، برۇنۇ فېرناندېسنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، لىۋېرپولدىن تياگونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن پوگبانىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.



分享到: