新闻详情

دۇنيادىكى 4-چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى

发表时间:2021-01-18 16:09作者:ئەلكۈيى来源:سىنا تورى


640-24.gif

640-59.png



1-ئاينىڭ 16-كۈنى فىئات-كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتى (FCA) لوندوندا پىگوت-شىتروئېن ئاپتوموبىل شىركىتى (PSA) بىلەن بىرلىشىشنى تاماملىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىشىپ ئەڭ يېڭى گۇرۇھ Stellantis بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ھازىر پىگوت-شىتروئېن ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كارلوس تاۋارېس (Carlos Tavares) يېڭى گۇرۇھ Stellantisنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولىدۇ.

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بىرلەشكەن ئىككى تەرەپ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغان پايچىكلار يىغىنى ئېچىپ، %99تىن ئارتۇق قوللاش بېلىتى بىلەن بۇ بىرلىشىش سودىسىنى تەستىقلاپ، Stellantis گۇرۇھىنى قۇرغان. بىرلىشىش سودىسى 2020-يىلى 12-ئايدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن ئىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فىئات-كرايسلېر پايچىكلار يىغىنى بىرلىشىشكە ئالاقىدار كۆپلىگەن ئىشلارنى تەستىقلىدى، Stellantisنىڭ شىركەت نىزامنامىسى ھەمدە ئىلگىرى جاكارلانغان Stellantis مۇدىرىيىتى ئەزالىرىنى رەسمىي تەيىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يۇقىرىقى ئىشلار بىرلشىش تاماملانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

Stellantisنىڭ ئادەتتىكى پېيى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ پارىژ پان-ياۋروپا سودا بىرژىسى (Euronext) ۋە مىلاندىكى ئېلېكترونلۇق پاي بازىرى (Mercato Telematico Azionario)دا سودا قىلىنىدۇ ھەمدە 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ نيۇيورك ئاكسىيە بىرژىسىدا بازارغا سېلىنىپ سودا قىلىنىدۇ. Stellantis گۇرۇھى يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ ئاكسىيە سودا بىرژىسىدىكى پاي چېكىنىڭ ۋاكالەت كودى بىردەك «STLA».

2020-يىلى 11-ئايدا، فىئات-كرايسلېر ۋە پىگوت-شىتروئېن Stellantis گۇرۇھىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى، بۇ يېڭى كارخانىنى ئىككى تەرەپ 50:50 پاي نىسبىتىدە ئومۇميۈزلۈك بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. يېڭى شىركەت نامى Stellantis لاتىنچە پىئېل سۆزى «stello»دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، مەنىسى «يۇلتۇز بىلەن يورۇتۇش»، قارمىقىدىكى 14 داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن، جېپ، ماسېراتى، كرايسلېر، ئەلفا رومىيو، پىگوت، شىتروئېن ۋە DS قاتارلىق ئۆزگىچە گۇرۇپپا ئۈستۈنلىكى ھەم گۇرۇھنىڭ كەلگۈسىدە كۆچمە سەپەر دەۋرىدە داۋاملىق باشلامچىلارنىڭ بىرى بولۇش يېڭى ئىرادىسىگە سىمۋۇللۇق قىلىدۇ.

بىرلىشىش كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، Stellantis مۇدىرىيىتى 11 ئەزادىن تەركىب تاپىدىكەن. فىئات-كرايسلېر ھەمدە چوڭ پايچىك Exor بەش ئەزا كۆرسەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە جون ئېلكان (John Elkann) باش مۇدىرلىققا كۆرسىتىلگەن؛ پىگوت-شىتروئېن ھەمدە ئىككى چوڭ پايچىكى (پىگوت جەمەتى EPF/FFP ۋە فرانسىيە دۆلەتلىك مەبلەغ سېلىش بانكىسى BPIfrance) بەش ئەزا كۆرسەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇدىر ۋە مۇئاۋىن باش مۇدىر بار. Stellantisنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كارلوس تاۋارېس مۇدىرىيەتنىڭ بىر ئەزاسى.

2019-يىلى فىئات-كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى تۆت مىليون 418 مىڭ دانە، پىگوت-شىتروئېن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى ئۈچ مىليون 500 مىڭ دانە بولدى، جەمئىي يەتتە مىليون 918 مىڭ دانە بولۇپ، پەقەت ۋولكسۋاگېن (10 مىليون 974 مىڭ 600 دانە) ۋە تويوتا (10 مىليون 742 مىڭ 100 دانە) ۋە رېنائۇلت-نىسسان-مىتسۇبىشى ئىتتىپاقى (10 مىليون 155 مىڭ 200 دانە)دىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇردى. 2020-يىلى پىگوت-شىتروئېننىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى ئىككى مىليون 500 مىڭ دانە بولدى. فىئات-كرايسلېر شىركىتى 2020-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارىنى ئېلان قىلمىدى.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: