新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى مياۋ ئەپەندى 104000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-18 10:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

        12-ئاي كىرگەندىن كېيىن ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، پاراۋانلىق لاتارىيە «كاتتا مۇكاپات پەسلى» گە كىرىپ قالغاندەك بولدى، مەيلى قايسى خىل ئويۇن بولسۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلاتتى. 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى __ 65290195 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا 3D ئويۇنى 100 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى چىقتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 104000 يۈەن بولدى.

        1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، تەلەيلىك لاتارىيەچى مياۋ ئەپەندى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ئىگىلىنىشىچە، مياۋ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ، 3D ئويۇنىغا ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، نومۇر يۈزلىنىشى تەتتىق قىلىشقا ئامراق ئىدى، چوڭ كىچىك نومۇر، ئىسسىق-سوغۇق نومۇر قاتارلىقلار ئۇنىڭ قەلبكە سىڭىپ كەتكەن ئىدى، لاتارىيە بېلىتىنى قاتتىق ئانالىز قىلىش ئۇنى خېلى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرگەن، ئۇ كۆپ قېتىم 3D ئۇيۇنىدا مول مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كۆپ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى مياۋ ئەپەندىنىڭ ئۆزى تاللىغان نومۇرغا بولغان ئىشەنچىسىنى بارغانسېرى ئاشۇردى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش دەل ئۇنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللاپ، كەسكىن ھالدا ھەسسىلەپ دو تىككەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

مياۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، لاتارىيە سېتىۋېلىشقا قارىتا، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بار ئىكەن. ئۇ ئاساسلىقى يۈزلىنىش، ھېسابلاش ۋە قىممەتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق نومۇر ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلەپ، دو تىكىش نومۇرىنى تاللاشقا ھۆكۈم قىلغان. مياۋ ئەپەندى يەنە ھەسسىلەپ دو تكىشكە قىزىقىپ قالغان بۇلۇپ، شۇ قارار نومۇرنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇپ «344» نى تاللىدى ھەم ئىككى قېتىم 50 ھەسسە يەككە تاللاشقا دو تىكىپ، بىراقلا 104000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، مياۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«نۇمۇر يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىش ۋە ماھارەتنى ئشقا سېلىش ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن لاتارىيە سېتىۋېلىشتىكى ياخشى روھىي ھالەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەر كۈنى ياخشى كەيپىياتتا بۇلالايسىز، ۋە شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنى ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل خۇشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ!»-دېدى.

2.png

分享到: