新闻详情

ئۇلار بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-18 15:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى 65230123 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى سەي ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسى يېڭى ئويۇنى «شادلىق 8» نىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. ئويۇن ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش ئارقىلىق جاڭ ئەپەندى بىرلىشىپ سېتىۋېلىش توپى قۇرۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش لاتارىيە سېتىۋېلىشقا قىزىقىدىغان دوستلار بىلەن بىرلىشىپ «شادلىق 8» نى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى، ئۇلار 20 ئادەم بىرلىكتە توققۇز خىل ئويناش ئۇسۇلى بويىچە 11 نۇمۇر قايتىلاش ئۇسۇلى ۋە توققۇز خىل ئويناش ئۇسۇلىنىڭ 13 نۇمۇر قايتىلاش ئۇسۇلىنى تاللىدى، بۇ ۋاقىت 4 مىليون يۈەنلىك لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى مەزگىلىدە بولغاچقا، ئۇلار يەنە باشقا ئىككى پارچە «شادلىق 8» لاتارىيە بېلىتىگە ئېرىشتى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندا، جاڭ ئەپەندى يان تېلېفون ئارقىلىق ئىككى پارچە بىرلىشىپ سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدى، بىر پارچىسىنىڭ مۇكاپات پۇلى 2695 يۈەن، بىر پارچىسىنىڭ مۇكاپات پۇلى 20 يۈەن، جەمئىي مۇكاپات پۇلى 2715 يۈەن بولغان.

مۇكاپات ئالغاندا، جاڭ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «گەرچە 20 ئادەمنىڭ ھەر بىرى 135.7 يۈەنگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغان يېڭى ئويۇننى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىناپ باقتى، يېڭىلىقنى سىناپ بېقىش روھىي ھالەتتە كۆپچىلىك بىرلىكتە سېتىۋېلىشقا قاتناشتى، تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سېتىۋېلىپلا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، گەرچە مۇكاپات كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال بولدى.»-دېدى.

3.png

分享到: