新闻详情

كىرىيە ئايدۇرۇمىدا رەسمى قاتناش باشلاندى

发表时间:2021-01-19 13:53作者:ئەلكۈيى来源:ئۈندىدار سالونى

640-24.gif

640-59.png

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كېرىيەدىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ـ كېلىش لىنىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى



ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئاينۇر، گۈزەلنۇر).   1ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى سائەت 11دىن45 مىنۇت ئۆتكەندە، 106نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان      CZ5422قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئۇچۇشى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كېرىيـەدىن ئـۈرۈمچىگە بېرىپ ـ كېلىش لىنىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىغانلىقىدىن دىرەك بەردى، يولۇچىلارنىڭ ئـايروپىلانغا ئولتۇرۇش نىسبىتى %84.2 كە يەتتى.

微信图片_20210119135342.jpg

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كېرىيە ـ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە،   1-ئاينىڭ   10- كۈنىدىن   1-ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ5421/2 بولۇپ، كۈندە بىر نۆۋەت قاتنايدىكەن، بويىن   B737تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 09:00 دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت   11:00 دە كېرىيەگە يېتىپ كېلىدىكەن؛ بېرىش مۇساپىسىدە كېرىيەدىن سائەت 11دىن45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچۇپ،13دىن45   مىنۇت ئۆتكەندە   ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن.   1- ئاينىڭ   21- كۈنىدىن كېيىن، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ8601/2 گە ئۆزگەرتىلىدىكەن.



تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: