新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 50000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-19 14:11作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

          1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭ رايونىدا خۇشاللىق ئىلكىدە بازارغا سېلىندى، بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى مەيلى تەجرىبىسى مول لاتارىيەچى بولسۇن ياكى ئەمدىلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولغان يېڭى لاتارىيەچى بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يەڭلىرىنى شىمايلاپ، سىناپ بېقىشقا ئالدىراپ كەتتى.

1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئۇيۇنى بازارغا سېلىنغان 4 ـ كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسى 6542401 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچىلەر ئىچىدىن «شادلىق 8» ئۇيۇنى «سەككىزنى تاللاش» مۇكاپاتى چىقىتى، ۋە 50000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى كونا لاتارىيەچى بۇلۇپ، ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ تەلەيلىك ئادەم ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ كەلگەن، «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، جاڭ ئەپەندى ھەر كۈنى« شادلىق 8» گە 10 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە نۇمۇر تاللاپ دو تىككەن. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى يەنە 65422401 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئىككى دانە «شادلىق 8» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، بىرسى بولسا بەش دو « توققۇزنى تاللاش» ، يەنە بىرسى بولسا ئۈچ دو « سەككىزنى تاللاش» ئىدى، جەمئىي 16 يۈەن بولغان. كەچ سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ ئەپەندى سول قولىدا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ ئوڭ قولىدا يان تېلېفوننى ئالدى، كىرېسلودا يېرىم يېتىپ جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئورگان تورىنى ئېچىپ، «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ مۇكاپات ئېچىش بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنى كۆردى، « بۇ بار، بۇمۇ بار... » جاڭ ئەپەندى بىر تەرەپتىن غودۇڭشىغاچ قولىدىكى لاتارىيەنى سېلىشتۇردى. ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 دانە «سەككىزنى تاللاش» نومۇرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك مۇكاپات نومۇرى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغاندا، بىردىنلا كىرېسلودىن چاچراپ تۇرۇپ، مۇكاپات نومۇرىغا ئىنچىكىلىك بىلەن بىر قېتىم قاراپ ۋاقىرىدى:«خوتۇن! خوتۇن! مەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم!»-دەپ توۋلىدى، تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەت پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى بىردىنلا خۇشاللىققا چۆمدۈردى!

مۇكاپات ئالغاندا جاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بۇنداق ياخشى تەلەينىڭ ماڭا كېلىدىغانلىقىنى پەقەت ئويلىماپتىمەن، ھەر قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا خۇشال بولۇشنىلا ئارزۇ قىلاتتىم، بەلكىم مېنىڭ ياخشى روھىي ھالىتىم ئۆزۈمگە ياخشى تەلەي ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن!»-دېدى.

5.png

分享到: