新闻详情

دىڭجىنغا نىم بولدى

发表时间:2021-01-19 13:59作者:ئەلكۈيى来源:ئۈندىدار سالۇنى

640-24.gif

640-59.png



2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى، دىڭ جېن ۋە ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى تۈمەنلىگەن تورداشنىڭ قەلبىگە كىرىپ، بىر كېچىدىلا داڭق چىقىرىپ، ئالاقە تورىدىكى ئەڭ ياراملىق كاڭبا ئەزىمەتلىرىگە ئايلاندى.

ئارقىدىنلا دىڭ جېن بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن دۆلەت كارخانىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، يەنە لىتاڭنىڭ ساياھەت ئوبراز ئەلچىسى بولدى، يەنە بىرقانچە قېتىم ھۆكۈمەت تەرەپ پائالىيىتى، پىروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ چقتى، ھەتتا داڭلىق ماركىلىق ژۇرنال GQ نىمۇ ئۇنى ئالدىنقى يىللىق قىزىل پاياندازغا تەكلىپ قىلدى.

گەرچە دىڭ جېن بۇ قېتىمقى تەكلىپنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىر قاتار قىزغىنلىقلاردىن قارىغاندا، دىڭ جېنفاڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ نۇقتىلىق ئەر بولۇپ قالغان.
图片

ھازىر دىڭ جېن ئادەتتە پۇتۇڭخۇادا ئاساسىي مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كېيىنكى خىزمىتىگە ياخشى ئاساس سالماقتا، بەزىدە بىۋاستە كۆرسىتىپ مال ساتىدۇ ياكى يۇرتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىدۇ.

ئەسلىدە دىڭ جېن مۇشۇنداق تەرتىپ بويىچە ياشاپ، پات-پات قىزىق نۇقتا تاختىسىغا چىقىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشى سەۋەبىدىن، دىڭ جېن ھۇجۇمغا ئۇچىراپ قايتىدىن قىزىق نۇقتا تاختىسىغا چىقتى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: