新闻详情

بۇ كۈلدۈرگە چولپىننى بىلەمسىز؟

发表时间:2021-01-19 15:08作者:ئەلكۈيى

640-24.gif

640-59.png



سىزگە كۈلدۈرگۈچى ئارتىس دېسە كىملەر كۆز ئالدىڭىزغا كىلىدۇ، ھېسام ئاكام؟ ئابدۇكېرىم ئابلىز؟ ياكى بولمىسا جاۋ بېنشەن......ئەمما سىزگە ئەسكەرتىش بېرىپ دۇنيا ئىتىراپ قىلغان دېسە چۇقۇم چارلىز چاپلىن دېيىشىڭىز ئېنىق، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا «زامانىمىزدىكى چاپلىن» دەپ ئاتالغان پۇرچاق ئەپەندىنى تىلغا ئالىسىز.

شۇنداق ئۇلارنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بالىلىقىغا ھەمراھ بولدى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق ئورۇنلاش ئۇسلۇبى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. چارلىز چاپلىن، دۇنياغا مەشھۇر كومېدىيە شاھى،   گەرچە نۇرۇغۇنلىغان كىشىلەر قىززىقچىلىق قىلىپ ئۇنىڭ قىياپىتىنى دوراپ باققان بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ھىچكىمئۇنىڭ ئاشۇيۇمۇرىستىك ئۇيۇنلىرىغا يىتەلمىگەن.گەرچە ئۇ بىز بىلەن ئايرىلغىلى 47 يىل بولغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ فىلىملىرىنى كىشىلەر ھازىرمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ.يەنە بىر دۇنياۋى كۈلدۈرگۈچى نامىغا ئېرىشكىنى بولسا باسىت كىتون ئۇنىڭ تەلەتى ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ قاراشتىن كىشىلەرگە كۈلدۈرگۈچىدەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھېچقانداق چىراي ئىپادىسىمۇ يوق، ئەمما پۈتۈنلەي ھەرىكىتىگە تايىنىپ تاماشىبىنلارغا ئىختىيارسىز كۈلكە ئاتا قىلىدۇ.ئۇنىڭ بىزدىن ئايرىلغىلى 54 يىل بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ قىزىقارلىق فىلىملىرى ھېلىھەممۇ ئالقىشلىق.يەنە ھازىرغىچە ئېكرانلاردا نامايەن بولىۋاتقان دۇنياۋى كۈلدۈرگۈچى چولپانلاردىن جوۋ شىڭچى بىلەن روۋىن ئايكىنسون.جوۋ شىڭچىنى ئارتۇق تۇنۇشتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوققۇ دەيمەن، ئالدىنقى مەزمۇنلىرىمىزدىمۇ كۆپ تۇنۇشتۇرغان.بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار روۋىن ئايكىنسون دېسە كىمۇ دېيىشى مۇمكىن، ئەمما پۇرچاق ئەپەندى دېسە ھازىر دادا چوڭ ئاپىللىرىمىزدىن تارتىپ كىچىك بالىلارغىچە بىلىشى ئېنىق.ئىگىلىنىشىچە، 66 ياشلىق روۋېن ئايكىنسون 90-يىلىنىڭ بېشىدا« پۇرچاق ئەپەندى» نىڭ رولىنى ئېلىپ پۈتۈن دۇنيادا داڭق چىقارغان، بىر مەھەل« زامانىمىزدىكى چاپلىن» دەپ تەرىپلەنگەن.

图片

رولدىكى پۇرچاق ئەپەندىنىڭ بىر سېرىق ئەبجەق ماشىنىسى بار بولۇپ، چىراي ئىپادىسى مۇبالىغە قىلىنغان، ئەمما كاللىسى ئاددىي، كالامپاي، دەل مۇشۇنداق لايىھە بولغاچقا، پۇرچاق ئەپەندى پۈتۈن دۇنيا بويىچە كىنو مەستانىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

图片

ئارتىس روۋىن ئايكىنسون مەلۇم بىر زىيارەتتە، ئىزچىل پۇرچاق ئەپەندىنىڭ رولىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن، بېسىمنىڭ ناھايىتى ئېغىر ھەم ھېرىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ قايتا رول ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روۋىن ئايكىنسون سەمىمىيلىك بىلەن: « ئۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ناھايىتى ئېغىر، ھەتتاكىشىنى بىئارام قىلىدۇ» دېدى.

图片

روۋىن ئايكىنسون، پۇرچاق ئەپەندىنىڭ رولىنى ئالغان، دۇنياغا داڭلىق ساخاۋەتچى. ئۇنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك كومىدىيەلىك تالانتى بار بولۇپ، ئېكراندا ھەمىشە ئەخمەقنىڭ رولىنى ئالغان.

图片

لېكىن رېئال تۇرمۇشتا، ئۇ بىر كەم-كۈتىسىز دوكتور. ئۇ ئارتىس بولۇشقا ماس كەلمەيمەن دەپ تۇرۇپ   بىر ئۆمۈر ئويۇن قويدى. لوۋىن ئايكىنسون 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان، دادىسى 400 مو دېھقانچىلىق مەيدانى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى، ئۇنىڭ ئانىسى بىر سەھنە ئارتىسى. مۇشۇمۇناسىۋەت بىلەن ئەيكىنسون كىچىكىدىنلا ئويۇن قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى ۋە كېكەچلىكى ئۇنىڭ ئارتىسلىق يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇسى بولۇپ قالغان. قالتىس نەتىجە قازانغان ئادەمدە، ئەزەلدىن كىشىنى قايىل قىلىدىغان پەزىلەت بار، ئەيكىنسون ئاجايىپ ئىرادىلىك ئادەم بولۇپ، ئەزەلدىن قىيىنچىلىققا باش ئەگمىگەن.   كېكەچلەپ سۆزلىگەچكە مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇ مەسخىرىلەر ئەيكىنسوننى چېكىندۈرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى.

图片

ئۇ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئايال پادىشاھ مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ ھەمدە ئوقۇش مەزگىلىدە مەكتەپ كومېدىيە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى باكېر بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئەيكېنسېنمۇ سەھنىدە جانلىنىشقا باشلايدۇ. كېكەچلەشسەۋەبىدىنئۇ ئەنئەنىۋى ئويۇن قويۇش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىپ، ئاۋازسىز قىزىقچىلىق ئويۇنىنى تاللايدۇ.

图片

تۇغۇلۇشىدىنلا يۇمۇرلۇق چىراي بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە كۈلكىسىگە ماس كېلەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر ئادەمدە بولىدىغان تارتىنىش، گۆدەكلىك ۋە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشتەك ئىپادىلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەيدۇ.1979-يىلى، ئۇ سەنئەت ساھەسىگە رەسمىي يۈرۈش قىلىپ، كومېدىيە ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئارتىسلىق ھاياتىدا، « پۇرچاق ئەپەندى» ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر رولى بولسا كېرەك.

图片

بۇ رول ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا نام چىقارغان دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەيدى ئېيىقى ۋە سېرىق رەڭلىك پىكاپىنى ئېلىپ بىرنەچچە يىل ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەتنى قاپلىدى. ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق، ئۇنى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بىرى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت ئىككىنچى ئۇنىڭغا بەرگەن بۈيۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قوماندانى ئوردېنى ئىدى. بىر ئارتىسنىڭ قوماندان ئوردېنىغا ئېرىشەلىشى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

روۋىن ئايكىنسون بولسا بىر ئەسەبىي ماشىنا ھەۋەسكارى. ئۇ ئېسىل ماشىنىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىلگىرى يەنە ئەنگلىيە ئاپتوموبىل ژۇرناللىرىغا ماقالە يېزىپ بەرگەن. ئاستون مارتىن DB7 Vantage، پۈتۈن دۇنيادا ئاران ئۈچ دانە رولس رويىسى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملىرى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، روللىس رويىس شىركىتى ئىلگىرى مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن« كىچىك پۇرچاق روللىس رويىس» ماركىلىق ئاپتوموبىل ياساپ بەرگەن. بۇ روللىس رويىس V16 سىلىندىرلىق ماتورنى قۇراشتۇرغان بولۇپ، گاز چىقىرىش مىقدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 9Lغا يەتكەن، باھاسى 150 مىليون يۈەن بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ماشىنا 40 دانە ئادەتتىكى روللىس رويىسقا يېتەلەيدىكەن. بىراق ئۇ پەقەت ماشىنىغىلا مەستانە ئەمەس، خەير-ساخاۋەتمۇ ئۇ ئىزچىل قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئىش.

ئەنگلىيەدە داڭلىق بىر« قىزىل بۇرۇن كۈنى» بار. 1988-يىلىدىن باشلاپ، ھەربىر تاق سان يىلى 3-ئايدا، كىشىلەر سەھنىگە چىقىپ كومىدىيە ئورۇنلايدۇ. ئازادە، كۆڭۈللۈك ئۇسۇل ئارقىلىق كىشىلەر سېخىيلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىدۇ. بۇ پائالىيەتتە يىغىلغان پۇلنىڭ% 60ى ئافرىقىدىكى نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، % 40ى ئەنگىلىيەدىكى ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ئەيكېنسېننىڭ ئافرىقا ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ئىئانە قىلغان پۇلى 300 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن. خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، 2 مىليارد يۈەن . بۈگۈنكى كۈندە روۋىن ئايكىنسون بۇ رولنى ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنى ياشىنىپ قالدىم دەپ قارايدۇ.بۇنداق ياشتا ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ رولىنى ئېلىش سالاھىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: