|
بىلگايتىس نىمىش قىلۋاتىدۇ؟发表时间:2021-01-19 15:55作者:ئەلكۈيى « فۇبى» ژۇرنىلىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 4-چوڭ باي، مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 242 مىڭ ئىنگلىزمو تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي دېھقانچىلىق يېرى ئىگىدارى بولۇپ قالغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىل گايتىس فىلورىدا ئىشتاتى ۋە ۋاشىنگتون ئىشتاتى قاتارلىق جايلاردىن دېھقانچىلىق يېرى سېتىۋالغان، يەرگە مەبلەغ سېلىشقا دىققەت قىلىدىغان پەسىللىك ژۇرنال« يەر دوكلاتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىل گايتىس 18 ئىشتاتتا ناھايىتى چوڭ دېھقانچىلىق يېرى مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسى قۇرغان. فۇبى دەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ساپ مۈلكى 121 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان. ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ تېرىلغۇ يېرى بار ئىشتات لۇئىسئانا ئىشتاتى (60 مىڭ 9071 ئىنگلىز موسى) ، ئاركانزاس ئىشتاتى (40 مىڭ 7927 ئىنگلىز موسى) ۋە نېبراسكا ئىشتاتى (25 مىڭ 588 ئىنگلىز موسى) دۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئارىزونا شتاتىنىڭ سۇمۇرغ شەھىرى (Phoenix) نىڭ غەربىدىكى 25 مىڭ 750 ئىنگلىز موسى ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك يەرگە پاي قوشقان، بۇ يەر ھازىر يېڭى شەھەر ئەتراپى رايونى قىلىپ ئېچىلىۋاتىدۇ. يەر دوكلاتى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بىل گايتىس ئۆزىنىڭ قارمىقىدىكى خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىش شىركىتى كاسكاد مەبلەغ سېلىش شىركىتىدىن بۇ يەرنى بىۋاسىتە ياكى ئۈچىنچى تەرەپ ئەمەلىي گەۋدىسىدىن ئىگىلىگەن. كاسكاد مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باشقا مەبلەغلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى شىركىتى Ecolab، نىمكەش ئاپتوموبىل پارچە سېتىش سودىگىرى Vrom ۋە كانادا دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مىلياردېر، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ يەر ئىگىسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بېل گايتىسنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە بىردىنبىر يۈرۈش قىلىشى ئەمەس ئىدى. 2008-يىلى، ئۇ خوتۇنى بىل ۋە مېرىنداگېس فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە 306 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇششاق دېھقانلارنىڭ يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارى ۋە مەڭگۈلۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 |
|