新闻详情

ياڭمىنىڭ2021-يىللىق فىلىملىرى

发表时间:2021-01-19 17:21作者:ئەلكۈيى


640-24.gif

640-59.png

بۇ يىل ياڭمىنىڭ 4 فىلىمى قۇيۇلماقچى، ياڭ مىنى كۆپچىلىككە تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن، ئۇ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان ئىزچىل مەستانىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. ھازىرغا كەلسەك ياڭ مىنىڭ قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىرنەچچە تېلېۋىزىيە-تىياتىرى بار، ھەممىسى تورداشلارنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ.

1. «خۇجۇ خانىم» (斛珠夫人)

«خۇجۇ خانىم» (斛珠夫人) جىن شا رىژىسسورلۇق قىلغان، ياڭ مى ۋە چېن ۋېيتىڭ باش رول ئالغان شەرق رىۋايىتى سۆزلەنگەن قەدىمىي تېلېۋىزىيە-تىياتىرى، بۇ شىياۋ رۇسىنىڭ داڭلىق رومانىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان ۋاقىتتىلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىغا ئېرىشكەن، ياڭ مى بىلەن چېن ۋېيتىڭ ئىككىسىنىڭ ھەمكارلىقى تورداشلارنى بەكلا تەقەززا قىلماقتا!

2. «ھەققانىيەت كۆزى» (暴风眼)

«ھەققانىيەت كۆزى» ياڭ مى، جاڭ بىنبىن باش رول ئالغان جامائەت خەۋپسىزلىكى تېمىسىدىكى ھازىرقى زامان جاسۇسلۇققا قارشى تېلېۋىزىيە-تىياتىرى.

بۇنىڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى ئىككى ياش خادىمنىڭ باشتىن-ئاخىرى ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكا ئوغرىلاش دېلوسىنى پاش قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان بايلىقىنى چىگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ ئەتكەس قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇش جەريانى بايان قىلىنغان.

بۇ ھازىر ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئېرىشىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان ھازىرقى زامان جاسۇسلۇق تېلىۋىزىيە-تىياتىرى.

3. «رەھمەت سىزگە دوختۇر» (谢谢你医生)

«رەھمەت سىزگە دوختۇر» جاڭ رۈي رىژىسسورلۇق قىلغان، ياڭ مى ۋە بەي يۈ باش رول ئالغان داۋالاش باش تېما قىلىنغان تېلېۋىزىيە-تىياتىرى، بۇ «ICU دىكى 48 سائەت» ( ICU 48小时) ناملىق روماندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.بۇ تېلېۋىزىيە-تىياتىرىغىمۇ تورداشلار ئالاھىدە تەقەززا بولىۋاتىدۇ، بۇ داۋالاش باش تېما قىلىنغان تېلېۋېزىيە-تىياتىرى، ياڭ مىنىڭمۇ بۇنداق بىر ئوبرازغا جەڭ ئېلان قىلىشى كۆرۈرمەنلەرنى قايىللىقىنى قوزغىدى.

4.«مۇھەببەت قانۇنى» (爱的二八定律)

«مۇھەببەت قانۇنى» لىن يەن رىژىسسورلۇق قىلغان، ياڭ مى شۈ كەي باش رول ئالغان ھازىرقى زامان تېلېۋىزىيە-تىياتىرى. بۇ تېلېۋىزىيە-تىياتىرىدا ئىقتىدارلىق ئادۋۇكات (رولدا ياڭ مى) بىلەن بايۋەتچە يىگىت (رولدا شۈ كەي)نىڭ ئاۋال توي قىلىپ كەينىدىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى سۆزلەنگەن.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: