新闻详情

راللى مۇسابىقىسىدىكى ئەزمەتلەر

发表时间:2021-01-20 11:08作者:ئەلكۈيى

640-24.gif

640-59.png







يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياغلاشقان 2021-يىللىق داكار راللىي مۇسابىقىسىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، جۇڭگو ماھىرى زاكىر ياقۇپ، جاۋ خۇڭيىلاردىن تەشكىللەنگەن ئاپتوموبىل ئەترىتى موتوسىكلىت گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە،شىنجاڭلىق يىگىت زاكىر ياقۇپ ئومۇمىي نەتىجە بىلەن 33 ـ لىككە ئېرىشىپ، جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى، جاۋ خۇڭيى ئومۇمىي نەتىجە بويىچە 45 ـ لىككە ئېرىشتى.


43 ـ نۆۋەتلىك داكار راللى مۇسابىقىسى 2 ـ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقە 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى باشلىنىپ، 1 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. 14 كۈن داۋاملاشقان 12 مۇسابىقە بۆلىكى ئىچىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 107 موتسېكلىت ماھىرى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7646 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى 4767 كىلومېتىرغا يېتىپ جەڭ ئېلان قىلدى. ئاخىرىدا خوندا ئاپتومۇبىل ئەترىتىنىڭ ئارگېنتىنا موتسىكىلىت ماھىرى كېۋىن بېناۋېدس ۋە BMW mini ئاپتومۇبىل ئەترىتىنىڭ فىرانسىيەلىك ماھىرى پېتىر ھانسېر بىلەن يول باشلىغۇچى ئېدۋارد بروۋنگېر موتسىكىلىت گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.





تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: