|
كۇرتۇۋا شاھلىق لوڭقىسىدا مەيدانغا چۈشمەيدۇ发表时间:2021-01-20 16:57作者:ئەلكۈيى来源:uycnr بۇ پەسىللىك شاھلىق لوڭقىسى 16/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد كوماندىسى ئالكويانو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خانلىق مادرىدنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىدە ئاساسلىق قاپقىچى بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان كۇرتۇۋا ئالماشتۇرۇلۇپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن. خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ 21 ياشلىق ئۇكرائىنالىق قاپقىچىسى لۇنىن خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدىكەن. كۇرتۇۋا ھازىرغا قەدەر بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەرگە تولۇق قاتناشقان بىردىنبىر خانلىق مادرىد توپچىسى، ئۇ كوماندىنىڭ ئالدىنقى 25 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ، توپ ئوينىغان ۋاقتى جەمئىي 2250 مىنۇتقا يەتكەن، بۇ 25 مەيدان مۇسابىقىدە كورتۇۋا 26 توپ كەتكۈزۈپ، 51 قېتىم توپ توسۇۋالغان. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە زاپاس قاپقىچى ئارېئولانىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ، لۇنىن خانلىق مادرىدقا قايتىپ كېلىپ كۇرتۇۋانىڭ زاپىسى بولغان. ئالدىنقى يېرىم مۇسابىقە پەسلىدە كورتۇۋانىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان بولۇپ، يارىلىنىپ باقمىغان، بۇ قېتىمقى شاھلىق لوڭقىسىدا زىدانى كۇرتۇۋانى ئالماشتۇرۇپ، ياش قاپقىچى لۇنىنغا مەيدانىغا چۈشۈش پۇرسىتى بېرىشنى قارار قىلغان. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 |
|