新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى چىن ئەپەندى 202498 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-20 15:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كىشىلەر دائىم: « ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىزىقىشى بار» دېيىشىدۇ. لاتارىيەچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قايسى ئويۇنلارغا بولغان قىزىقىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەر مۇكاپات سوممىسى مول بولغان قوش رەڭلىك توپ ئويۇنلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر قىزىقارلىق بولغان 3D ئويۇنلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر بولسا كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى لاتارىيە بېلىتى «قىرىپ كۆڭۈل ئېچىش» نى ياخشى كۆرىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئارال شەھىرىدىكى لاتارىيەچى چېن ئەپەندىنىڭ جاۋابى بولسا—ھەممىنى ياخشى كۆرىمەن! چېن ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئامراق، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنى بولسىلا ھەممىسىنى ئوينايمەن». 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، چېن ئەپەندى ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇكاپات چىقىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدا 1 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 202498 يۈەن بولدى.

چېن ئەپەندى قوش رەڭلىك توپ سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولدى، گەرچە ئۇنى كونا لاتارىيەچى دېيىشكە بولسىمۇ، لېكىن چېن ئەپەندى نومۇر تاللىغاندا ئەزەلدىن نومۇرنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىگە قارىمايتتى، شۇنداقلا دو تىكىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلمايتتى، چۈنكى ئۇ ئىزچىل مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە تەلەيگە تايىنىش كېرەك دەپ ئويلايتتى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسا مۇكاپات چقىش ئېھتىماللىقى بار مۇكاپات چىقسا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. شۇڭا، پەقەت كومپيۇتېردا نۇمۇر تاللاش تىپىدىكى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، چېن ئەپەندى كومپيۇتېردا نۇمۇر تاللاپ دو تىكىشكە ئامراق ئىدى.

يېقىنقى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، چېن ئەپەندى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدا كەينى-كەينىدىن بەش يۈەن، ئون يۈەنلىك كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، چېن ئەپەندى بۇنى ياخشى باشلىنىش دەپ قارىدى، چوڭ مۇكاپات پات ئارىدا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدى. 7-يانۋار، چېن ئەپەندى ئارال شەھىرىدىكى 65452908 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بەش دانە قوش رەڭلىك توپ نومۇرىنى تاللىدى. شۇ كۈنى كەچتە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، چېن ئەپەندى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تورىدىن شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىدىكى قىزىل توپنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزى دو تىككەن بىر دو نۇمۇر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى ـــ بۇ راستمۇ! مەن راستتىنلا ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىممۇ؟ ئۇ لاتارېيە بېلىتىنى چىقىرىپ، ئايالىنى چاقىرىپ سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

چېن ئەپەندى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، خۇشال بولغان ھالدا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاۋۋالقىدەكلا كومپيۇتېردا نۇمۇر تاللاپ دو تىكىدىغانلىقىنى، ئەلۋەتتە بۇنداق ياخشى ئامەتنىڭ يەنە بىر قېتىم كىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

1.png

分享到: