新闻详情

يىڭى ئارخولوگىيەلىك بايقاش

发表时间:2021-01-20 18:03作者:ئەلكۈيى来源:ئۈندىدار سالۇنى


640-24.gif

640-59.png



مىسىر بۈگۈن پايتەخت قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى ساكارادا قەدىمكى خانىشنى ۋە 52 ياغاچ تاۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم يېڭى خەزىنىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى.

微信图片_20210120183448.jpg

مىسىر ئېكسكۇرسىيە ۋە قەدىمىي بۇيۇملار بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ داڭلىق مىسىرلىق ئالىم ھاۋاس باشچىلىقىدىكى ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ« مۇھىم بايقىشى» ئىكەن. بۇلار يەر ئاستىدىكى تەخمىنەن 10 مېتىردىن 12 مېتىرغىچە كېلىدىغان 52 قۇدۇقدىن بايقالغان. ساكارا تەۋەسىدە ئون نەچچە ئېھرام بولۇپ، قەدىمكى مىسىرنىڭ پايتەختى مەنفىستىكى كەڭ كۆلەمدىكى يەر، مەنفىس خارابىسى 1970-يىلى ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مىسىر بۇلتۇر 11-ئايدا 100 دىن ئارتۇق مۇكەممەل جەسەت ساندۇقى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بۇلتۇرقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئارخېئولوگىيىلىك بايقاش بولۇپ، بۇ بىر تۈركۈم ھىم ياغاچ جەسەت ساندۇقى ۋە قەدىمكى ھەيكىلىنىڭ دەۋرىنى 2500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئەڭ يېڭى بايقاش مىلادىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگىچە بولغان يېڭى پادىشاھلىق تارىخىنى يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.»

微信图片_20210120183442.jpg

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەدىمكى بۇيۇملار مىسىرنىڭ قەدىمكى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى 6-سۇلالىنىڭ تۇنجى فىرئەۋىنى تېتى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئېھرام ئەتراپىدىن قېزىۋېلىنغان.

微信图片_20210120183438.jpg


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: