新闻详情

سېتىۋالغان نومۇر قانچە كۆپ بولسا، مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىن شۇنچە ئۈمىد بار

发表时间:2021-01-20 18:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لى ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى تۈرلۈك ئويۇنلارنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ «قوش رەڭلىك توپ» نى بىر قارارمۇ قالدۇرماي سېتىۋالاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشكەن.

11- ئاينىڭ 19- كۈنى، لى ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ شەرقىي يولى 210-نومۇرغا جايلاشقان 65010407 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا، مال ساتقۇچى خادىم ئۇنى تونۇپ قېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن:«يېقىندىن بۇيان يۇقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ ئۇزۇن بولدى سىز كەلمىگىلى....» دېدى شياۋجاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، لى ئەپەندى:«ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم، كەلگىلى ۋاقىت چىقىرالمىدىم.»-دېدى، شياۋجاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ لى ئەپەندىگە بىر دو تىكىش تالونىنى سۇنۇپ بېرىپ، ـــ «بۈگۈن نومۇرنى ئوبدان تاللاڭ، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە تىرىشىڭ»-دېدى. لى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ دو تىكىش تالونىنى ئالدى ـ دە، «قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنى يۈزلىنىش ئىسخېمىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ نومۇر تاللاشنى باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن «9 + 1» قايتىلانما دو تىكىش نومۇرىنى تاللاندى، كونكرېت نومۇرى:03، 05، 06، 41، 61، 91، 72، 82، 31 02. مال ساتقۇچى شياۋجاڭ نومۇرنى ئېلىپ قاراپ: ـــ «شۇنچە كۆپ نومۇرنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىدىڭىز، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن!»-دېدى، لى ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ:«مېنىڭمۇ نومۇر تاللاش ماھارىتىم يوق.»-دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلدى، لى ئەپەندى تور بېكەت ئارقىلىق «قوش رەڭلىك توپ» 2020116-قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنىڭ «05، 06، 14، 16، 19، 27-10» ئىكەنلىكىنى بىلدى، سېلىشتۇرۇش بىلەنلا بىر كۆك توپ نومۇرى كەم بولۇپ قالغانلىقىنى، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا پەقەت ئازراقلا قالغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ 1 دو « قوش رەڭلىك توپ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپات، 18 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپات، 45 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 133534 يۈەن بولدى.

12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەن لى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مەن چىرايلىق نومۇرلارنى تاللىغاندىن باشقا، قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دو تىكىشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى سېتىۋالغان نومۇر قانچە كۆپ بولسا، مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىن شۇنچە ئۈمىد بار!»-دېدى.

2.png

分享到: