新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ئەلىجان 100000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-19 16:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«ئەڭ ئاخىرىدا دو تىكىش پونكىتىدىكى ئاخىرقى سەككىز پارچە "دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي" لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالدىم، نەتىجىدە بىر پارچىسىدىن 100000 يۈەن مۇكاپات چىقتى، بۇ ھەقىقەتەن مېنى ئادەتتىن تاشقىرى ھەيران قالدۇردى!» ، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئەلىجان يېقىن دوستى بىلەن بىرلىكتە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزىگە كېلىپ «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ كەتتى!

ئەلىجان خىزمەتچىلەرگە ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنىڭ 3D ئويۇنى ۋە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشتىن ناھايىتى ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتە، ئەلىجان دوستلىرى بىلەن بىللە بانكىغا ئىش بېجىرگىلى باردى، دوستلىرى ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەسىپ بېجىرىشنى كۈتۈپ، ئۇنى ئەتراپنى ئايلىنىپ تۇرۇشنى ئېيتتى. ئەلىجان ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرۈپ 65290150 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى كۆرۈپ، كىرىپ بىردەم ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

ئەلىجان 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى بىردەم تەتقىق قىلىپ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، ئۇ نەزەرىنى كۆرگەزمە ئىشكاپىغا تىزىپ قويۇلغان ھەر خىل «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلەتلىرىگە ئاغدۇردى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نى سېتىۋېلىپ 500 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، شۇڭا ئۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» تىن يەنە بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاچ بىر تەرەپتىن دوستىنى ساقلاپ تۇرماقچى بولدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئەڭ ئاخىرقى سەككىز دانە «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتى قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەلىجانمۇ تاللىماي بىۋاسىتە ھەممىسىنى سېتىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى. قولىدىكى لاتارىيەنىڭ بارغانسېرى ئازلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ بۇ سەككىز بېلەتنىڭ ئىچىدە مۇكاپات يوق بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، لاتارىيە بېلىتىنى قىرىش سۈرئىتىنى   تىزلەتتى، قىرىپ بولغاندىن كېيىن دوستلىرىنى ئىزدەشكە تەييارلاندى، ئويلىمىغان يەردىن ئەڭ ئاخىرقى بىر تال لاتارىيە بىلىتىنىڭ قىرغاندىن كىيىن، 100000 يۈەن مۇكاپات تۇيۇقسىز چىقتى!

ئەلىجان خىزمەتچى خادىملارغا، بۇ قېتىمقى مۇكاپات ئۇنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلايدىغانلىقىنى، ئامەتنىڭ يەنە يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدى.

3.png

分享到: