新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ئەلى 249600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-25 12:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

       1   ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لاتارىيەچى ئەلى تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە كېلىپ، 249600 يۈەن 3D ئۇيۇنى مۇكاپات پۇلى ئالدى. ئىگىلىنىشىچە، ئەلى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى تۈرلۈك ئويۇنلارنى ياخشى كۆرىدىكەن، لاتارىيە ئوينىغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان بولۇپ، 3D ئۇيۇنى، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنلىرىنى ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن. ئەلى ئادەتتە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا سۆزى ناھايىتى ئاز بۇلۇپ، بەزىدە بىر قارارغا كېلەلمىگەندە، مال ساتقۇچى ۋە باشقا لاتارىيەچىلەر بىلەن بىرلىكتە نومۇر يۈزلىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

1 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئەلى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىدىكى 65290192 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. ئۇ ئادەتتىكى ئادىتى بويىچە، ئالدى بىلەن يېقىنقى مەزگىلدىكى 3D نومۇرلىرىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئاندىن ئۆزى ئالدىن تاللاپ قويغان بىرنەچچە نومۇر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بىرقەدەر ياخشى بولغان نومۇر گۇرۇپپىسىنى تاللاپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر دو نومۇرنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ دو تىكتى. بىر مەھەل ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن، ئېلى پۈتۈن تاق نومۇرنى كۆڭلىگە پۈكتى، ئۇ تاق نومۇردىن«1» ۋە«3» نى تاللاپ، «113» دېگەن پۈتۈن تاق نومۇرنى تەشكىل قىلدى. تاللاپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئەلى دو تىكىشكە ئالدىرىمىدى، بەلكى يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ باشقا كۆرسەتكۈچلەرگە قاراپ، ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، قىلچە ئىككىلەنمەي «113» گە ئالتە دو 15 ھەسسە دو تىكتى. 65290192 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا، ئۇ 65298077 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، يەنە كىرىپ «113» گە قارىتا 150 ھەسسە دو تىكتى، جەمئىي 240 ھەسسە بولدى.

شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى ئېچىلغاندىن كىيىن، ئەلى مۇكاپات ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، شۇ نۆۋەتلىك مۇكاپات تارقىتىش نومۇرىنىڭ دەل ئۆزى ھەسسىلەپ دو تىككەن نومۇر« 113» ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇ 249600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، بۇ خۇشخەۋەر ئۇنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. مۇكاپات ئالغاندا ئەلى مۇنداق دېدى:« لاتارىيە ئويناش سېزىم ئىنتايىن مۇھىم، چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك، توغرا دەپ ئويلىغان ھامان كەسكىنلىك بىلەن دو تىكىش، چوقۇم تېز قول سېلىش كېرەك، بولمىسا كاتتا مۇكاپات بىلەن ياندىشىپ ئۆتۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن!»-دېدى.

1.png2.png

分享到: