新闻详情

ئامەتلىك قازاق يىگىت سەمەت 52865 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-25 16:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يېقىندا، قۇمۇل بارىكۆل ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچىلەر چەمبىرىكىدە مۇكاپات چىققان كىشنى خۇشال قىلدىغان ئىش كەڭ تارقالدى، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى 65228007 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن 3D ئويۇنى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات چىققان. بۇ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق نۇرغۇن ئەل قەلبىنى زوقلاندۇردى. باركۆل ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق قازاق يىگىت سەمەت بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن   ئىشنىڭ باش رولچىسى، ئۇ ئىزچىل پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ سادىق مەستانىسى، ئۇ بولۇپمۇ رەقەملىك ئويۇننى ياخشى كۆرىدۇ.

1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، سەمەت بارىكۆل ناھىيە بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر يولى ئەتراپىدىكى 65228007 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ بېكەتكە كىرىپلا، ئادەتتىكىدەك 3D ئۇيۇنى يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلدى، مال ساتقۇچى شياۋۋاڭمۇ خۇشال ھالدا سەمەتنىڭ ئەستايىدىللىقىغا قاراپ تۇرۇپ، مۇنداق دېدى:«ئاكا، سىز شۇنداق قالتىس ئىكەنسىز، بىردەمدىلا تەتقىق قىلىپ بولدىڭىز، تەسىراتىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ئەگىشىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ!»-دېدى.

سەمەت بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىچىدە بېشىنى لىڭشىتتى، ئۇ كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ ئالدى بىلەن نۇمۇرنىڭ قىممىتىگە قارىدى، بىر قاراپلا 12 نىڭ يىغىندىسىنى كۆڭلىگە پۈكتى، ۋە 723 نى تاللىدى، ئارقىدىنلا يەنە يۈزلەر خانىسى 6 نى، بىرلەر خانىسى 5 نى ، يەنە 12 نىڭ يىغىندىسى بولغان 615 نى تاللىدى. سەمەت 723، 615 ۋە ئۆزىنىڭ ساقلاپ كىلىۋاتقان نومۇرىدىن 499 نى ئايرىم ـ ئايرىم دو تىكتى، 615 ۋە 723 ، 499 ھەر قايسىسىغا دو تىكتى.

كەچتە كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، سەمەت تاقەتسىزلىك بىلەن ۋاقىتقا قاراپ ئولتۇردى، ئۇ 3D ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى، مۇكاپات ئېچىلىشى بىلەن ئۇ دەرھال تورغا چىقىپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈردى، ئۇ شۇ قارار 3D ئويۇنىدىكى مۇكاپات نومۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىمۇ ھەيران قالدى، مۇكاپات نومۇرى دەل 615 بولۇپ، ئۇ 50 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى ۋە بەش دو گۇرۇپپىلاپ تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 52865 يۈەن بولدى.

شۇ كۈنى كەچتە سەمەت دو تىكىش پونكىتىغا بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، كۈلۈپ تۇرۇپ:« 3D   ئۇيۇنى دەل مېنىڭ < قورۇمام> ! بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمدىن مەن بەك خۇشال بولدۇم! »-دېدى.

3.png4.png

分享到: