新闻详情

لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا «ياخشى كەيپىيات» ناھايىتى مۇھىم

发表时间:2021-01-21 17:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

         12-ئاي كىرگەندىن كېيىن ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى،   پاراۋانلىق لاتارىيە ئەكسىچە « كاتتا مۇكاپات پەسلى» گە كىرىپ قالغاندەك بولدى، مەيلى قايسى خىل ئويۇن بولسۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلاتتى. 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى __ 65290195 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن 3D ئويۇندا 100 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى چىقتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 104000 يۈەن بولدى.

1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، تەلەيلىك مىياۋ ئەپەندى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ئىگىلىنىشىچە، مياۋ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى بولۇپ، 3D ئويۇنىغا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن، نومۇر يۈزلىنىشى توغرىسىدا پاراڭ بۇلۇپ قالسا مىياۋ ئەپەندىم سۆزلەپ ھارمايتتى، چوڭ كىچىك نومۇر، ئىسسىق-سوغۇق نومۇر قاتارلىقلار ئۇنىڭغا تۇنۇش بۇلۇپ كەتكەن ئىدى، لاتارىيە بېلىتىنى قاتتىق ئانالىز قىلىش ئۇنى خېلى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرگەن، ئۇ كۆپ قېتىم 3D ئۇيۇنىدا مول مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كۆپ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى مياۋ ئەپەندىنىڭ ئۆزى تاللىغان نومۇرغا بولغان ئىشەنچىسىنى بارغانسېرى ئاشۇردى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش دەل ئۇنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللاپ، كەسكىن ھالدا ھەسسىلەپ دو تىككەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

مياۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، لاتارىيە سېتىۋېلىشتا، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بار ئىكەن. ئۇ ئاساسلىقى يۈزلىنىش، ھېسابلاش ۋە قىممەتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق نومۇر چىقىش ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلەپ، دو تىكىش نومۇرىنى تاللاشقا ھۆكۈم قىلغان. مياۋ ئەپەندى يەنە ھەسسىلەپ دو تىكىشكە قىزىقاتتى، شۇ قاراردا نومۇرنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇپ «344» نى تاللىدى ھەم ئىككى دو 50 ھەسسە يەككە تاللاش بويىچە دو تىكتى، نەتىجىدە بىراقلا 104000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، مياۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:« نۇمۇر يۆزلىنىشىنى تەھلىل قىلىش ۋە دو تىكىش ماھارىتى مۇھىم، لېكىن لاتارىيە سېتىۋېلىشتىكى ياخشى روھىي ھالەتمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەر كۈنى ياخشى كەيپىياتتا بۇلالايسىز، ۋە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنى ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل خۇشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز!»-دېدى.

5.png

分享到: