新闻详情

ۋاڭ خانىم «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 299942 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-21 12:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ۋاڭ خانىم نۇمۇر ساقلاپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بىرى، بۇ يىل 40 نەچچە ياشقا كىرگەن ۋاڭ خانىم بەش يىللىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە ھەر خىل ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ. يېقىندا، ۋاڭ خانىم «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ ئويۇننىڭ چوڭ، كىچىك مۇكاپاتلىرى كۆپ ئىدى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، 1 دو 8 + 2 قايتىلانما نۇمۇر بىرىكتۈرۈپ، ئىزچىل دو تىكىپ كەلدى.

12- ئاينىڭ 22- كۈنى، «قوش رەڭلىك توپ» 2020130- قارارلىق مۇكاپات تارقىتىش كۈنى، ۋاڭ خانىم ئۆزىنىڭ «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتىنى تېخى ئالمىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئۆيى ئەتراپىدىكى 65010519 پاراۋانلىق لاتارىيە بېكىتىگە كېلىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ئىككىنچى كۈنى، ۋاڭ خانىم كۆكتات سېتىۋېلىپ بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە بېكىتىدىن ئۆتكەندە، ئىشىكنىڭ بېشىغا «ئورنىمىزدىن قوش رەڭلىك توپ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككى دو چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، مۇكاپات سوممىسى 299942 يۈەن!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ماڭغاچ لاتارىيە بېلىتى چىقىرىپ ئۆز-ئۆزىگە:«كىمنىڭ تەلىيى بۇنچە ياخشى بۇلىدىغاندۇ، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ»-دېدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەن ۋاڭ خانىم لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى دو تىككەن 8 + 2 قايتىلانما نومۇردىكى قىزىل توپ نومۇرىنىڭ مۇكاپات نومۇرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال مال ساتقۇچى شياۋ ۋاڭنى چاقىرىپ سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا بۇيرۇدى، شياۋ ۋاڭ چاقچاق قىلىپ:« ۋاڭ ئاچا، بەلكىم ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى سىز بولۇشىڭىز مۇمكىن»-دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، شياۋۋاڭ دو تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئېكرانىدىكى بىر تىزىق رەقەمنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى ـ دە، پەس ئاۋازدا:«مۇبارەك بولسۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى سىز ئىكەن»-دېدى. ۋاڭ خانىم ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلىپ، تېلېفون ئارقىلىق مۇكاپات چىققان خۇش خەۋەرنى ئوغلى بىلەن ئېرىگە ئېيتتى.

12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ۋاڭ خانىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ 299942 يۈەن كاتتا مۇكاپاتنى ئالدى. بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە توختالغاندا، ۋاڭ خانىم ئۆزىنىڭ بىر قىسىم پۇل بىلەن ھازىرقى دۇكىنىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى، بىر قىسمىنى تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولغانلىقىنى، ئاندىن داۋاملىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

6.png

分享到: