新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى 52000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-22 17:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يېقىندا، پۈتۈن ئۈرۈمچىنى قار ـ مۇز قاپلىدى، سوغۇق ھاۋا رايى لاتارىيەچىلەرنىڭ رەڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمىدى، لاتارىيەچىلەر ئەكسىچە تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. 2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئۈرۈمچىلىك لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ«كوزۇر» بىلەن يەككە تاللاش گۇرۇپپىسى ئارقىلىق نەچچە ھەسسە دو تىكىپ، 3D ئويۇندا 52000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

    12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ۋۇ ئەپەندى ئوخشاشلا 65010725 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 3D ئويۇنلىرىنىڭ مۇكاپات نومۇرى يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، 2020300-قاراردىن 202020304-قارارغىچە مۇكاپات نۇمۇرىنىڭ يۈزلەر خانىسى ئورۇندا ئارقا-ئارقىدىن 2، 3، 4، 6 كىچىك نۇمۇرغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، « 5 كەم! ئەگەر بۇ قاراردا يۈزلەر خانىسى ئورۇندا 5 نى تولۇقلىسا، دەل بوشلۇقنى تولدۇرامدۇ؟ »ـــ دېدى ۋۇ ئەپەندى ئۆز-ئۆزىگە. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسكىن ھالدا يۈزلەر خانىسىنى «5» قىلىپ بېكىتتى، ۋۇ ئەپەندى ناھايىتى تېزلا قارار چىقىرىپ، يۈزلەر خانىسى « 5» ، ئونلەر خانىسى «036» ، بىرلەر خانىسى «0369» لارغا كەسكىن ھالدا 50 ھەسسىلىك يەككە تاللاش گۇرۇپپىسىغا دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنىنىڭ 2020305-قارارلىق مۇكاپات نومۇرى«506» بولۇپ، ۋۇ ئەپەندى 52000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىككىنچى كۈنى، ۋۇ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش ئورنىغا كېلىپ مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1.png

分享到: