新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋ جاۋ 1000000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-26 11:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيەچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى! بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەسلىدە، «ئالتۇن دەۋر» نىڭ بازارغا سېلىنغىنىغا ئەمدىلا بىر ئاي بولغان بولسىمۇ، چۆچەكتىن بىر مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات ۋە بىر باۋما ماركىلىق ئېسىل ئاپتوموبىل چىققان ئىدى! ۋە شۇنداقلا نۇرغۇن كىچىك مۇكاپاتلار چىقىپ، چۆچەكتىكى لاتارىيەچىلەرگە ئارقا ـ ئارقىدىن خۇشاللىق ئاتا قىلغان. 2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى 65422501 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى نۇپۇزلۇق لاتارىيەچى شياۋ جاۋ يەنە «ئالتۇن دەۋر» دە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى!

شياۋ جاۋ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ مەستانىسى، ھەر خىل پاراۋانلىق لاتارىيە ئويۇنلىرىنى ئوينايدۇ، ئۇ « قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، شياۋ جاۋ ھەر قېتىم ئىككى ئۈچ تال سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقىدۇ. «ئالتۇن دەۋر» بىلىتىنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كاتتا ئاپتوموبىل ۋە مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، شياۋ جاۋ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، پائالىيەت باشلانغان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ كەسكىن قول سالدى، ئاندىن ھەر كۈنى بىر نەچچە پارچە «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىىتى سېتىۋېلىپ قىرىشتا چىڭ تۇردى.

12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى شياۋجاۋ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 6542251 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر پارچە «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، نەتىجىدە تېخى يېرىمغا بارمايلا، مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى. نەق مەيداندىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى   بەس ـ بەستە شياۋ جاۋ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى، شياۋ جاۋ مىليون يۈەنلىك مۇكاپات چىققان «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتىنى كۆتۈرگىنىچە ھاياجانلانغىنىدىن قوللىرى تىترەپ كەتتى.

شياۋ جاۋ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، ئۆزىنىڭ تەلىيىنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىگە پەقەت ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ تەلەينىڭ بەك تۇيۇقسىز كەلگەچكە، مۇكاپاتنى قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ياخشى تەلەي ئامەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ پاراۋانلىق لاتارىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

1.png

分享到: