新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 416000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-26 14:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئۈرۈمچى شەھىرىباگاڭ تۈنپىڭ جەنۇبىي يولى 65450107 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، مال ساتقۇچى جېڭ جىنخۇا ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قەتئىيلىكى بىلەن بۇ پونكىتنىڭ تىجارىتىنى جانلاندۇردى، ھەر كۈنى نۇرغۇن لاتارىيەچى بۇ يەردە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ، بۇ پونكىت باشتىن ـ ئاخىر كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ساقلاپ كەلدى.

ۋاڭ ئەپەندى 65450107 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى پىشقەدەم لاتارىيەچى، شۇنداقلا بۇ پونكىتتىكى ئەڭ «جاھىل» ئادەم، ئۇ قارار قىلغان ئىش، مەيلى كىم نەسىھەت قىلسۇن ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇنىڭ نومۇر تاللاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ «نومۇر ساقلاش» ، لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ لاتارىيە ئوينىغىنىغا قاراپ كۈلىشىدۇ، ئەزەلدىن كاللا ئىشلەتمەيدۇ دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. 12-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە، ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نومۇرغا بىر نەچچە قېتىم دو تىكتى، ئاندىن يەنە ئۆزى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاۋاتقان نومۇر « 14» نى 400 ھەسسە يەككە تاللاپ گۇرۇپپىلاپ دو تىكتى. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ شۇنچە مەردلىك بىلەن دو تىككەنلىكىنى كۆرگەن مال ساتقۇچى جېڭ جىنخۇا ئۇنىڭدىن: ـــ «لاۋ ۋاڭ، سىز بىر نومۇر تاللىدىڭىز، شۇنچە كۆپ قېتىم دو تىكتىڭىز، سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟»-دېدى، « بۈگۈن بۇ نومۇرغا بەك ئىشەنچىم بار، بۇ قېتىم چۇقۇم مۇكاپات چىقىدۇ، ئەگەر مۇكاپات چىقماي قالسا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بولغان مۇھەببىتىم بولۇپ قالار!»-دېدى، ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

شۇ كۈنى كەچتە، ۋاڭ ئەپەندى ئۆيىدە تاماق يېگەچ، يان تېلېفونىدىكى مۇكاپات ئۇچۇرىنى كۆردى، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىنىڭ 2020301-قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنىڭ«471» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى. تەلەيلىك ۋاڭ ئەپەندى بىر قېتىمدىلا 3D ئۇيۇنىدا 416000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئەتىسى ئۇ ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە مۇنداق دېدى:«مەن بۇ نومۇرنى خېلى ئۇزۇن ساقلىغانىدىم، بۈگۈن مۇكاپات ئېچىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، بۇ يىل مەن ئۈچۈن بىر تەلەيلىك يىل بولدى.»-دېدى.

1.png

分享到: