新闻详情

ئۈمىدە شىركىتى مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ

发表时间:2021-01-27 15:14作者:ئەلكۈيى تاراتقۇ مەركىزى来源:ئۈمىدە شىركىتى

640-24.gif640-59.png

umidazhibo1.jpg

ئۈستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز بىۋاستە تارقىتىش قانىلىغا كېرەلەيسىز


ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى:2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە   شىنجاڭ ئۈمىدە خەلقئارا كىيىم- كېچەك شىركىتىنىڭ 4 يىللىقىنى تەبرىكلەش شۇنداقلا ئوبراز ئەلچىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇراسىمى ، ئۈمىدە كىيىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى پاسونلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭدىكى باشلامچى تور تاراتقۇسى ئەلكۈيى تورىغا تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ .

تەھرىرنىڭ ئېگەللىشىچە، قورۇلغىنىغا تۆت يىلدىن ئاشقان ، مودا كىيىملىرى بىلەن نام چىقارغان ئۈمىدە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گۈلجەننەت خانىم بۇ قېتىم سەھنە ۋە ئېكرانلاردىكى ئېسىل سالاپىتى ، ھەقىقىي نازىنىنلارغا خاس لاتاپىتى ، تېتىملىق سۆزلىرى ۋە يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن جىلۋە قىلىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ، چوڭ تىپتىكى كېچىلىك ۋە سەھنىلەردە چاقنىغان شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ، جەزبىدار چولپان نازىگۈل تۇرسۇنجان بىلەن ئۈمىدە شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش توختامى ئىمزالايدىغان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق مۇراسىمنىڭ يارقىن تەرەپلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

WechatIMG1963.jpeg

تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى ، بۇ قېتىملىق مۇراسىم تور ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان بولۇپ ، مۇراسىمدا داڭلىق ناخشىچى-سەنئەتكارلاردىن گۈلباھار رۇزى ، مەمەتتۇرسۇن قۇربان ، ئابدۇۋەلى نۇرتاي ، رىياسەتچى نۇربىيە ھەسەن ، تالانتلىق ياش چاقچاقى جەۋلان روزىمەمەتلەر ئۈمىدە شىركىتىنىڭ خوشاللىق مىنۇتلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى يېڭىلىقلىرىنى سۇنىدىكەن.

بارلىق تورداشلارنىڭ ئەلكۈيى تورى ھەمدە ئەلكۈيى سالونى ، ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى ياكى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش ئەپ دىتالى ئارقىلىق مۇراسىمنى دەل ۋاقتىدا كۆرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.


umid2.jpg


umid1.jpg


分享到: