新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى مۇختەر 400000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-27 12:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» تىكى ھەر قايسى لاتارىيە بېلەت تۈرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن مۇكاپاتلار چىقتى، «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتىدىمۇ مۇكاپاتلار كەم بولمىدى، ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرى بۇنىڭدىن خۇشال بولدى. 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدە خۇش خەۋەر تارقالدى، يەنى «ئون ھەسسە ئامەت»تە 400000 يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىققان ئىدى. بۇ كاتتا مۇكاپاتنىڭ خۇشاللىقى تېجى ئاياغلاشماي تۇرۇپ، ئارىدىن پەقەت ئۈچ كۈنلا ئۆتۈپ، 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى كەچتە، خوتەن شەھىرى 65320123 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن يەنە خۇش خەۋەرنى تارقالدى، يەنى «ئون ھەسسە ئامەت» ئۇيۇنىدا يەنە بىر قېىتىم بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات سوممىسى 400000 يۈەن بولدى.

2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى مۇختەر ئۆيىگە قايتىش يولىدا، خوتەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى 65320123 بېكىتىدىن ئۆتكەندە، تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن پونكىتقا كىرىپ لاتارىيە سېتىۋالدى، گەرچە ئۇ 60 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشتا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىن پەقەت لاتارىيە سېتىۋېلىشلا بار ئىدى، مۇختەر ئىسمى ـ جىسمىغا لايىق پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنىغا قارىتا بىر يۈرۈش ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە قوش رەڭلىك توپ تەتقىق قىلاتتى. مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەققىدە مۇختەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا:« گەرچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن بىر ھەپتە ئىچىدە ئېرىشكەن كىچىك مۇكاپاتمۇ تۇرمۇشتىكى ئوتۇن، گۈرۈچ، ماي، تۇزنىڭ چىقىمىغا يېتىدۇ.»-دېدى.

1-ئاينىڭ 14- كۈنى، مۇختەر 65320123 پاراۋانلىق لاتارىيە   پونكىتىدا« قوش رەڭلىك توپ» سېتىۋالغاندا، ئويلىمىغان يەردىن بېلەتنىڭ « ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ بىلەت يۈزىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق لايىھەلەنگەن بۇ بېلەتتىن ئۈچنى ئالدى، پۇل تۆلىگەندە يېنىدا يەنە 10 يۈەن پارچە پۇل بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر پارچە «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تۆت دانە بېلەتنى ئالغاندىن كېيىن، بىر چەتتە تۇرۇپ ئەستايىدىل قىرىشقا باشلىدى.

مۇختەر ئالدى بىلەن ئۈچ پارچە «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» نى قىردى، لىكىن مۇكاپات چىقمىدى، قولىدا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە «ئون ھەسسە ئامەت» قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەپسۇسلانغان كەيپىياتتا قىرىشقا باشلىدى، مۇختەر قىرىش رايونىنى تەپسىلىي سېلىشتۇردى، مۇكاپات نومۇرىنىڭ مېنىڭ نومۇرۇم بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، كەينىدىكى مۇكاپات سوممىنى قىرغاندا توختاپ قالدى، كۆزىدىكى رەقەمنىڭ ئارقىسىدىكى نۆلنى كۈرۈپ ساناپ چىقتى، ئاندىن 400 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. مۇختەر خۇشال بولۇپ، لاتارىيە سېتىش خادىمىنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا چاقىردى، يەنە بىر قېتىم سېلىشتۇرۇپ، خاتالىق يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن دو تىكىش پونكىتىدىن ئايرىلدى.

ئەتىسى ئەتىگەندە، مۇختەر قىزى بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ، «ئون ھەسسە ئامەت» 400000 يۈەن كاتتا مۇكاپاتنى ئالدى ھەمدە خۇشال ھالدا:«ئەمدى ياخشى بولدى، قىزىم ياتلىق بولسا قىز مېلى بېرىشتىن ئەنسىرمىسەممۇ بۇلىدىغان بولدى! مەن پاراۋانلىق لاتارىيىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىمەن.»-دېدى.

1.png

分享到: