新闻详情

قاراماي شەھەرلىك لاتارىيەچى جۇ ئەپەندى 205486 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-27 17:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

تەلەي ھامان كېلىدۇ، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.

بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن قارامايلىق جۇ ئەپەندى ھەقىقىي شىنجاڭلىق، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ھەممە ئويۇننىڭ ناھايىتى مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. جۇ ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» ئويناۋاتقىلى ئالتە يىل بولدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2015-يىلىدىن باشلاپ «قوش رەڭلىك توپ» بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، بىر كونا لاتارىيەچى ئىكەن.

2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، جۇ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش بەيجيەنتەندىكى 65020128 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ» قوش رەڭلىك توپ سېتىۋالدى. لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا كۆپ يىل بولغان جۇ ئەپەندى قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان «كىچىك بالا» دىن تەمكىن «كونا ماھىر» غا ئايلانغان، ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش ئۇنىڭ ئادىتىغا ئايلانغان، شۇ كۈنى ئۇ ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش ئارقىلىق بىر دو «قوش رەڭلىك توپ» 9 + 1 قايتىلانما نومۇرنى تاللىغاندىن كېيىن كېتىپ قالغان. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى لاۋ جاڭ جۇ شيەنشېڭنىڭ كەينىدىن قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ ئاپتوماتىك نۇمۇر   تاللانسىمۇ مۇكاپات چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس!»-دېدى.

خۇددى مال ساتقۇچى لاۋ جاڭ ئېيتقاندەك، جۇ ئەپەندى تاللىغان نومۇرلارغا راستتىنلا مۇكاپات چىقتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ 1 دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 18 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 45 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 205846 يۈەن بولدى. ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ بۇ خۇش خەۋەرنى دوكلات قىلدى.

1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، جۇ ئەپەندى قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئۆزۈمنىڭ بۇنچە تەلەيلىك ئىكەنلىكىمگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، ئاپتوماتىك تاللىغان نومۇر بىلەن بۇنچە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم!»-دېدى.

2.png

分享到: