新闻详情

شىنجاڭ داشۆ ۋە ئەلكۈيى شىركىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

发表时间:2021-01-30 14:07作者:پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى来源:ئەلكۈيى تورى

640-24.gif640-59.png

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى ۋە شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ، ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى ھەمكارلىقى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئەلكۈيى شىركىتىدە ئۆتكۈزۈلدى

ok44444.jpg

2021-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ﺩﯙﻟﻪﺕ «211 ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ» ﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى شىنجاڭ داشۆ ۋە شىنجاڭدىكى ئاخبارات كەسپىدە تۇنجى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى تەسىس قىلىنغان شۆيۈەن ، شىنجاڭدىكى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەربىيىلەش بازىسى   بولغان ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى   مۇناسىۋەتلىك پروفىسسور ۋە دوكتۇر يىتەكچىلىرى ھەمكارلىق ۋە ئۆز-ئارا تەجرىبە ، ئادەم كۈچى ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى قورۇلغىنىغا ئوزۇن يىللار بولغان باشلامچى تاراتقۇ ئەلكۈيى تورى ۋە   رايونىمىز يېڭىچە تاراتقۇلار خىزمىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۈرۈنۈپ كىلىۋاتقان   شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى باش خىزمەت رايونىنى ئىكىسكورسىيە قىلىش ۋە «يېڭىچە تاراتقۇلار   ۋە ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق » تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىكىسكورسىيە ۋە سۆھبەت يىغىنىدىن كىيىن شىنجاڭ داشۆ ۋە ئەلكۈيى شىركىتى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ، ئەلكۈيى شىركىتىنى ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ پىراكتىكا بازىسى قىلىش ، شىنجاڭ داشۆدىكى مۇنەۋۋەر دوكتور ، ماگىستىر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ياراملىق ئىزباسارلاردىن تەشكىل تاپقان ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنى ئەلكۈيى شىركىتى ، ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزىدە خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش» خىزمىتىگە يەنىمۇ ئاۋاز قۇشۇش مۇزاكىرە قىلىندى ۋە دەسلەپكى قەدەمدىكى ھەمكارلىق پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى.

WechatIMG2030.jpeg

ئەلكۈيى تورى يىللاردىن بۇيان ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى بىلەن بىر قىسىم ھەمكارلىق ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ كىلىۋاتقان بولۇپ ، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ،   دائىرەلىك   تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭايتىش ،«مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش»تە تەرەپلەر ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش نىشانى ئاستىدا چۈشتىن بورۇن   شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى تاراتقۇ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت، ماگىستېر يېتەكچىسى ۋاڭ چىن چىن مۇئەللىم ۋە شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنت،ئوزۇن يىللاردىن بۇيان رايۇنىمىزدىكى ئارمان گورۇھى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئېلان تەشۋىقات يىتەكچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان   ماگىستېر يېتەكچىسى ئابلىكىم   مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى خەلق يولى 138-نومۇرغا جايلاشقان شىنخۇڭشىن سارىيى 23-قەۋەتتىكى شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ۋە ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىشتا بولدى ، بۇ جەريانلاردا ئۇلار ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزىدىكى ھەرقايسى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالى ، يېڭى تاراتقۇلارنى قانداق باشقۇرۇش ۋە قانداق يۈرگۈزۈشتىن ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈمگىچە بولغان جەريانلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ ، يۇقىرى باھالارنى بەردى .

WechatIMG2031.jpeg


چۈشتىن كىيىن رايونىمىز مىللىيچە تاراتقۇلار ساھەسىدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ۋە ئەلكۈيى تورى بىلەن شىنجاڭ داشۆنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئېستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە بۇ ھەقتە ئەلكۈيى شىركىتىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى .

WechatIMG2033.jpeg


WechatIMG2037.jpeg


WechatIMG2036.jpeg

سۆھبەت جەريانىدا ئەلكۈيى شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك شىركەت مەسئۇللىرى ، يېڭى تاراتقۇلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋە ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ھەققىدىكى ۋە ھەمكارلىق ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ، داشۆدىن كەلگەن ئۇستازلار بىلەن ئەستايىدىل پىكىر ئالماشتۇردى .

WechatIMG2039.jpeg


WechatIMG2038.jpeg


WechatIMG2041.jpeg

WechatIMG2041.jpeg


WechatIMG2032.jpeg

WX20210130-141523.png

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ «ﺷﯩﻨﺪﺍ 新大» ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺷﻪﮪﯩﺮﻯ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺕ «211 ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ» ﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚﺳﻰ 1924-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎن، 1978-ﻳﯩﻠﻰ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ. 1997-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ «211 ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ» ﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. 2000–ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺷﯚﻳﯜﻩﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯚ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. 2017-ﻳﯩﻠﻰ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ 42 ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. 2018-ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ» ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.

d000baa1cd11728bc6b3fc2cc8fcc3cec3fd2c25.gif

شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات-تارقىتىش شۆيۈەنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شىنجاڭ داشۆسى ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى دەسلەپكى قەدەمدە 1983-يىلى قۇرۇلغان. 1999-يىلى ئۆكتەبىردە ، شىنجاڭ داشۆسى ئىجتىمائىي پەنلەر شۆيۈەنى ئاخبارات فاكۇلتېتى قۇرۇلۇپ ، رادىئو ، تېلېۋىزىيە ۋە ئېلان كەسپى ئاخبارات كەسپىگە قوشۇلغان. ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى 2003-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئاخبارات كەسپىدە تۇنجى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ شۆيۈەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەربىيىلەش بازىسىغا ئايلانغان .

شىنجاڭ داشۆسى ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممەتلىك بايانلىرى شىركىتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە كۆرسەتمىلەر بولۇپ، شىركىتىمىزنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىدە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولغۇسى.

شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ داشۆسى ئاخبارات ۋا تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئېستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقۇسى.



分享到: