新闻详情

مېسسى بىلەن كرىستىيانو رونالدونىڭ سېلىشتۇرمىسى

发表时间:2021-02-03 11:47作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ


640-24.gif


640-59.png

بىر ئاي ئىچىدە پېلى ساقلاپ كەلگەن ئىككى رېكورت مېسسى ۋە كرىستىيانو رونالدو تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى، كرىستىيانو رونالدو يەنە بىكان ساقلاپ كەلگەن رەسمىي مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنىمۇ بۇزۇپ تاشلىدى، ئۇنداقتا مېسسى قالتىسمۇ ياكى كرىستىيانو رونالدو قالتىسمۇ؟ بۇ تېما يەنە بىر قېتىم قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ سانى

مېسسى كەسپىي ھاياتىدا جەمئىي 41 مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 29 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، تارىختىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى ھېسابلىنىدۇ، كرىستىيانو رونالدو 34 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ 19 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، تارىختىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن تۆتىنچى توپچى ھېسابلىنىدۇ.

كىرگۈزگەن توپ سانى + پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش قېتىم سانى

2015/2016 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ تاراتقۇلار بۇ ئىككى سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكا قىلىشقا باشلىغان، ئۆتكەن ئالتە پەسىلدە مېسسى جەمئىي 210 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، نۇقتا توپنى چىقىرۋەتكەندە 181 توپ كىرگۈزگەن، 93 قېتىم توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان، كرىستىيانو رونالدو بولسا جەمئىي 210 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، نۇقتا توپنى چىقىرۋەتكەندە 164 توپ كىرگۈزگەن، 142 قېتىم توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان، يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن كېيىن جەمئىي 30 قېتىم توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى ياراتقان، 48 قېتىم توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان، ئوخشاش ۋاقىتتىكى مېسسى بولسا جەمئىي 100 قېتىم توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى ياراتقان، 38 قېتىم توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان.

ھالقىلىق مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى

مېسسى كەسپىي ھاياتىدا بىرلەشمىدىكى ئالدىنقى ئۈچ كوماندا بىلەن جەمئىي 54 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 40 توپ كىرگۈزگەن، كرىستىيانو رونالدو بولسا 62 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 28 توپ كىرگۈزگەن. مېسسى بىرلەشمىدىكى ئالدىنقى بەش كوماندا بىلەن 110 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 90 توپ كىرگۈزگەن، كرىستىيانو رونالدو 127 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 82 توپ كىرگۈزگەن. مېسسى ئالدىنقى ئالتە كوماندا بىلەن 135 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 111 توپ كىرگۈزگەن، كرىستىيانو رونالدو 158 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 108 توپ كىرگۈزگەن.

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى ئالتە كۈچلۈك كوماندا بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى

مېسسى گەرچە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئەزەلدىن توپ ئويناپ باقمىغان بولسىمۇ، بىراق ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى ئالتە كۈچلۈك كوماندا بىلەن 34 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 26 توپ كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مېسسى ئىككى قېتىم «قالپاق ئويۇنى» تاماملىغان.

كرىستىيانو رونالدو ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى ئالتە كۈچلۈك كوماندا بىلەن 81 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 28 توپ كىرگۈزگەن.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:热依罕

制作:张伟


分享到: