新闻详情

ئەگەر كوبى ھايات بولغان بولسا..

发表时间:2021-02-03 12:01作者:ئەلكۈيى来源:سىنا تورى

640-24.gif

640-59.png

ئەگەر كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ قالتىس ۋاقىتلىرىدا تۇرۇۋاتقان كوبىنى ھازىر تېخىچە توپ ئويناۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولاتتى‎؟! بۇنىڭغا قارىتا مەكگرايدى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

NBAنىڭ توپ قائىدىلىرىنىڭ بارغانسىرى قېلىپلىشىشى، توپچىلارنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ بارغانسىرى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىز مۇسابىقە مەيدانىدا توپچىلارنىڭ يەككە ھالەتتە بىرگە-بىر تىركەشكىنىنى ئانچە كۆپ كۆرەلمىدۇق، ھازىر توپچىلارنىڭ تەمىناتى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەندىن باشقا، توپچىلارنىڭ نەتىجىسىمۇ خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن تاراتقۇلار ۋە ئوبزورچىلارنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى NBAدە بۇرۇنقىدەك بىرگە-بىر تىركىشىشلار ئازلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن NBA مۇسابىقىلىرىنىڭ كۆرۈشچانلىقىمۇ بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋە بۇمۇ NBAنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان. ئۇنداقتا ئەگەر كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ قالتىس ۋاقىتلىرىدا تۇرىۋاتقان كوبىنى ھازىر تېخىچە توپ ئويناۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولاتتى‎؟

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر زىيارەت پروگراممىسىدا، مەكگرايدى (Tracy McGrady) بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن:

«مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە مەيدانىدا رەقىبى، مەيدان سىرتىدا دوستى، ئەگەر كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ قالتىس ۋاقىتلىرىدا تۇرىۋاتقان كوبىنى ھازىر تېخىچە توپ ئويناۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەيداندا 100 نومۇر ئېلىش ھېچ گەپ ئەمەس.»

«مېنىڭچە كوبى ھازىرقى مۇسابىقىلەردە بىر مەيداندا 100 نومۇر ئېلىشى مۇمكىن، مېنىڭچە ئۇ چوقۇم بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەر جەھەتتىن قالتىس ھېساپلىنىدۇ» دېدى مەكگرايدى.

نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەكگرايدىنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ ھەممىسى كوبىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەنلىك ئىكەن، ئەمما ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كوبى ھەقىقەتەن مۇشۇنداق سەۋىيەگە ئىگە توپچى. شۇنى بىلىش كېرەككى، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ قالتىس ۋاقىتلىرىدا تۇرىۋاتقان كوبىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىر مەيداندا 12 دانە ئۈچ نومۇرلۇق توپ، مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئايلانمىسىدا 62 نومۇر ئېلىش، ئۇدا تۆت مەيدان 50 ياكى 50دىن يۇقۇرى نومۇر ئېلىش، يەككە مەيداندا 81 نومۇر ئېلىش قاتارلىق رېكورتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. جوردان ئىلگىرى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان:

«ئەگەر كوبى مەن بىلەن يەكمۇ يەك تۇتۇشسا، بەلكىم ئۇ مېنى مەغلۇپ قىلىشى مۇمكىن». بۇنىڭدىن كوبىنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇشلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنى بىلىش كېرەككى، ھازىر بىرلەشمىدىكى ھەر قايسى كوماندىلاردا ھۇجۇم قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەمدە ئادەتتە مۇداپىئەگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇنداق بولغاندا دائىملىق مۇسابىقىدە، كوبىنىڭ يەككە مەيداندا 50 نومۇر ئېلىشى خۇددى سۇ ئىچكەنگە ئوخشاشلا ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوبى ئۆزىنىڭ قالتىس توپ ماھارەتلىرىگە تايىنىپ رەقىبىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئارقىلىق نومۇر ئالالايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، كوبىنىڭ ئىپادىسى قالتىس ھالەتتە بولسىلا، ئۇ ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قىيىن شارائىتتىمۇ نومۇر ئالالايدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا كوبىنى قورشاپ مۇداپىئە قىلسىمۇ پايدىسى يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە كوبىنىڭ مۇداپىئەسىمۇ قالتىس بولۇپ، توققۇز قېتىم ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇداپىئەچى بولۇپ باھالانغان. گەرچە ھازىر ھۇجۇم قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلسىمۇ، لېكىن مۇسابىقىدە قانچە ئارقىدا قالغاندا مۇداپىئەگىمۇ شۇنچىلىك بەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كىلىدۇ. ئەگەر كوبى مۇداپىئە ئورنىدا بولسا، ئۇنداقتا رەقىبىنىڭ نومۇر ئېلىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ. لېكىن ھازىر ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىش ئارقىلىق نومۇر ئالىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، كوبى ئوتتۇرىدىن توپ ئېتىشقا ماھىر، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىدىن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نومۇرلۇق توپ ئارقىلىق كوماندىنىڭ نومۇر ئاشۇرىشىغا پايدىسى كۆپ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كوبى پەقەت بىر قەدەر كۈچلۈك كوماندىدا بولسىلا، ئۇ تېخىمۇ كۈچلۈك سەۋىيەسىنى نامايان قىلالايدۇ.

تۈگىدى.png

来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:热依罕

制作:张伟

分享到: