新闻详情

ئۈندىدارنىڭ بۇ ئىقتىدارلىرى يېڭىلاندى

发表时间:2021-02-03 12:40作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ تورى

640-24.gif

640-59.png

ئۈندىدار 8.0 نەشرىگە يېڭىلانغاندىن كىيىن، نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۈندىدار تېخىمۇ قوللىنىشچان بولۇش بىر ۋاقىتتا بارغانسېرى قىزىقارلىق بوپتۇ دېيىشتى.

نۆۋەتتە ھەممەيلەن كىينىكى نەشىرىگە يېڭىلىنىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتىغۇ دەيمەن، بۇ قېتىم يېڭىلىنىدىغان 8.0.1 نەشرىدە تۆۋەندىكى يېڭى ئىقتىدارلار بار.

1. زىيارەتچىلەر خاتىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ

ھازىر سىن قانىلى رايونىدىكى شەخسى ئىسىم كارتا كۆزنىكىدە، يېقىنقى مەزگىل ئىچىدىكى قوللاشنى باسقان سىن قانىلى خاتىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەنى سىزنىڭ قايسى سىن قانىلىنى كۆرگەنلىكىڭىزنى دوستىڭىز بىلىپ تۇرىدۇ دېگەن گەپ. بۇمۇ بىر ھېسابتا بىر خىل زىيارەتچى خاتىرىسىنى كۆرۈش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر باشقىلار كۆرمىسۇن دېسىڭىز سىن قانىلىنى باشقۇرۇش بېتى ئىچىدىن ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

2. ھالەت ئىستونىنىڭ تەگلىكىنى ئۆزى بەلگىلەش

يېڭىدىن قوشۇلغان ھالەت ئىستونىدا سىز باشقا دوستلىرىڭىزغا سىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى، كەيپىياتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۈرەلەيسىز، ئۇندىن باشقا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەسىمنى تەگلىك رەسىم قىلىپ ئالماشتۇرالايسىز.

3. چىراي ئىپادىسىگە ئالاھىدە ئۈنۈم قوشۇلدى

ھەممەيلەنگە مەلۇم ئۈندىدار يېڭىلانغاندىن كىيىن ھەممەيلەن ئالاھىدە ئۈنۈم قوشۇلغان چىراي ئىپادىلىرىنى ئۆز-ئارا ئەۋەتىشىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا جۆر بولدى، بەزىلىرى ھەتتا مەخسۇس ئايرىم چىراي ئىپادىسى يوللايدىغان توپ قۇرۇپمۇ ئۈلگۈردى، بۇ قېتىمقى چىراي ئىپادىسىگە ئۈنۈم قوشۇش ھەممەيلەنگە ياقتى، پاراڭلىشىش تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدىغان بولدى.

4. يېڭى دوست قوشۇشنىڭ چېكى 10 مىڭغا يەتكۈزۈلدى

ئىلگىرى يېڭى دوست قوشۇشنىڭ چېكى 5 مىڭ ئادەم ئىدى، ھازىر 10 مىڭ ئادەم قوشۇشقا ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭ سىزنىڭ ئالاقە دائىرىڭىزنى كېڭەيتىشىڭىزگە ياردىمى بار.

5. لەيلىمە كۆزنەك

ساقلاپ قويغان لەيلىمە كۆزنەكنى بىۋاسىتە سول تەرەپكە سىيرىپ كۆرگىلى، شۇنداقلا بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل لەيلىمە كۆزنەك كۆرگىلى بولىدىغان بولدى.

6. رەسىمدىكى يېزىقنى تونۇش

ئۈندىداردا يوللىغان رەسىمدىكى يېزىققا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، شۇ رەسىمنى بىردەم بېسىپ تۇرسىڭىز يېزىقنى تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ، شۇنىڭدىن بىۋاسىتىلا تاللىسىڭىز بولىدۇ. ساقلاپ قويغان ھۆججەتتىكى يېزىققا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىۋاسىتە كىچىك ئەپچاقنى بىسىپ يېزىق تونۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، رەسىمدىن يېزىقنى تونۇتۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ.

7. دوست قوشۇش چەكلىمىسى

ھازىر يېڭى دوست قوشقاندا چوقۇم قوشقان دوستنىڭ ھوقۇق چەكلىمىسىنى بېكىتىمىز، قوشۇلغان ئەڭ يېڭى ئىقتىداردا يېڭى دوستنى تۈرگە ئايرىپ ھوقۇق بېرىشكە بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق.

ئەمما كۆپچىلىك تەقەززالىق كۈتكەن چوڭلۇقى 200 مېگا بايتتىن ئاشقان ھۆججەتنى ئۈندىداردا يوللىغىلى بولماسلىق ئىشى يەنىلا بۇ قېتىمقى يېڭى نەشرىدە ھەل بولمىغان، بۇ بەلكىم كۆپچىلىكنى نا ئۈمىدتە قويدىغۇ دەيمەن.

ئەگەر يوللايدىغان ھۆججەت سىن بولسا بۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسان، ئادەتتە يوللايدىغان سىننى پىرىسلىغاندىن كىيىن دوستىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ ئەۋەتسىڭىز ھۆججەتمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، ئېنىقلىقىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

گەرچە ئۈندىداردا يېڭىدىن شۇنچە كۆپ ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولسىمۇ، كۈتكىلى ئۇزاق بولغان قوشقان ئادەمنى ئۆچۈرسە ئىككىلا تەرەپتىن تەڭ ئۆچۈش تېخى ئەمەلگە ئاشقىنى يوق.

تۈگىدى.png

来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:热依罕

制作:张伟


分享到: