新闻详情

تەرەققىياتى تېز بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان شەھەرلەرنى بىلەمسىز؟

发表时间:2021-02-03 13:14作者:ئەلكۈيى来源:بەيدۇ

640-24.gif

640-59.png

ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ تەرەققىيات پەرقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى. ئېلىمىزنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى زور دەرىجىدە تەڭپۇڭلاشتى ۋە ھەر قايسى رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە يېتەرلىك بولغان پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. نۇرغۇنلىغان كىشلەر كەلگۈسى ئون يىل ئچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەرلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى پەرەز قىلىشتى. ئۇنداقتا كەلگۈسى ئون يىلدا ئېلىمىز شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىدە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟ قايسى رايوندىكى شەھەرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئەڭ گەۋدىلىك بولىدۇ؟

نەزەر دائىرىمىزنى 10 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتۇرۇپ باقايلى. 2009-يىلى ئېلىمىزنىڭ شەھەرلەرنىڭ ياراتقان GDP قىممتىنىڭ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت غەربىي قىسىمدىكى بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر چۇڭچىڭلا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن. قالغان توققۇزىنىڭ ھەممىسىگە شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر كىرگەن.

ئون يىلدىن كېيىن، يەنى 2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ شەھەر GDPسىدىكى ئالدىنقى ئون شەھەرنىڭ رەت-تەرتىپى ۋە جايلىشىش ئورندا ئاز بولمغان ئۆزگىرىش بولدى. ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ئارقا-ئارقىدىن قەد كۆتۈرۈپ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، ۋۇخەن ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى شەھەرلەر بىراقلا كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، تېز سۈرئەتتە ئالدىنقى ئون شەھەر ئىچگە بۆسۈپ كىردى ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە بۇ شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ «شەھەرلەر توپى، تەڭپۇڭلىشىش»قا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، جېڭجۇ قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەرلەرمۇ ئالدىنقى ئون شەھەرگە كىرىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلەندى.

سۈرەتتە كۆرسىتلگەن ئالدىنقى ئون شەھەر ئېلىمىز شەھەرلىرىنىڭ بىرىنچى پەلەمپىيىگە ۋەكىللىك قىلدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە مەركىزى ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە شەھەرلەردىن ئىبارەت. ئۇنداقتا بۇ ئون يىلدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز شەھەر قايسى؟

شەھەر تەرەققىياتى ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى جەھەتتە:

ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى مۇقەررەر ھالدا شەھەر-بازارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، شەھەر-بازارلىشىش جەريانى «نوپۇس ۋە ئىقتىساد»قا باغلنىشلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ياخشى بولسا، نوپۇسنىڭ تەبىئىي ھالدا ئېقىپ كىرىشى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشىدۇ. مەسىلەن، دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەبئىيلا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى ئارقا-ئارقىدىن شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە ئېقشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. روشەنكى، بۇنىڭ سەۋەبى شەرقىي قىسىمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى يۇقىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپ بولغانلقى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن نوپۇسنىڭ ئېقىپ كىرىشى شەھەر تەرەققىياتىغا باھا بېرىشتكى ئاچقۇچلۇق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. 2009-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە تاللانغان 29 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى خەرىتىسىدىن بىز شەرقىي رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. يەنى ئوتتۇرا قىسىمدىكى خېفېينىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايتى چوڭ بولۇپ، كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان.

يۇقارقى جەدۋەلگە قارايدىغان بولساقمۇ خېفېيدىن باشقا جېڭجۇ، جىنەن، چېڭدۇ، چاڭشادىن ئىبارەت ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە مەركىزى بولغان بىرقانچە شەھەر نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىمۇ ناھايىتى روشەن بولغان. خاربىن قاتارلىق شەرقىي شىمال شەھەرلىرىدە بولسا مەنپىي ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن نۆۋەتتىكى شەرقىي شىمال ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، شەھەر تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنىڭ GDPسى ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچەملەرنىڭ بىرىدۇر.


ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى شەھەرلەردە ئىلگىرىلەش بىر قەدەر روشەن بولۇپ بۇ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، ئوتتۇرا قىسىمنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنىڭ تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ ئەڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى %24تىن يۇقىرى بولغان. ئوتتۇرا قىسىمنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن مەنپەئەتلەنگەن ۋۇخەن، جېڭجۇ، چاڭشادىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى %200تىن يۇقىرى بولغان.

GDPنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خېفېي يەنە بىر قېتىم يۇقىرى نىسبەتلىك ئېشىشىنى كۈتۈۋالغان. چېڭدۇ-چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ روشەن بولغان ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. بۇ نۆۋەتتە خېفېي قاتارلىق ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئون يىل ئىلگىرى خېفېينىڭ GDPسى ئاران 200 مىليارد يۈەن بولۇپ، ھالبۇكى 2019-يىلىغا كەلگەندە خېفېينىڭ GDPسى 940 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا چېڭدۇ-چۇڭچىڭ قاتارلىق رايونلاردىمۇ روشەن ئېشىش كۆرسەتكۈچى كۆرۈلگەن بولۇپ، چېڭدۇنىڭ GDPسى 2009-يىلىدىكى 450 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپىيىپ بىر تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يەتكەن ۋە مەملىكەت رەت-تەرتىپىدە 14-ئورۇندىن 7-ئورۇنغا ئۆتكەن. چۇڭچىڭنىڭ GDPسى بولسا 2009-يىلىدىكى 650 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، ئىككى تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

رايون نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۆتكەن ئون يىلدا ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ئومۇميۈزلۈك قەد كۆتۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان. بولۇپمۇ چېڭدۇ، ۋۇخەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالدىنقى ئون شەھەرگە بۆسۈپ كىرگەن. شەرقىي قىسىمدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ رەت-تەرتىپى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلگەن. شىئەن قاتارلىق جايلارنىڭ ئەمەلىي كۈچدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلگەن. ئەمما نوپۇس، GDPنىڭ ئېشىشىغىلا قاراپ، ئون يىلدا قايسى شەھەرنىڭ تەرەققىياتنىڭ روشەن بولىدىغانلىقىغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، نوپۇس ۋە GDPنىڭ ئېشىشى شەھەر تەرەققىياتىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ھالقىلىق ئامىل كۆرسەتكۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىقتىساسلىقلار ۋە تولۇقلىما جەھەتتە:

نوپۇس ۋە GDPنىڭ ئېشىشىدىن باشقا، شەھەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۆلچەيدىغان يەنە بىر «مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى» دەپ ئاتىلىدىغان كۆرسەتكۈچ بار بولۇپ، ئۇنى ئاددىي ھالدا «شەھەرنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشىنىڭ ئىپادىلىنىشى» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

يۇقارقى جەدىۋەلدىن بىز شۇنى ئېنىق بىلەلەيمىزكى، ئون يىل ئىچىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆرلەش، تۆۋەنلەش بوشلۇقى بىر قەدەر مۇقىم. چېڭدۇنىڭ مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى ئىزچىل ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى چېڭدۇنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك شەھەر بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چېڭدۇ يەنە غەربىي رايوندا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە ئىگە شەھەر بولۇپ، ئۆلكە ئىچىدە 80 مىليون نوپۇسنى ئاساس قىلغان بازار، 100 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىستېمال بازىرى بار. بۇ چىڭدۇ تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

چۇڭچىڭمۇ بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇننىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئىقتىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ۋۇخەننىڭ يېقىنقى ئون يىلدىكى ئىقتىزاسلىقلار كەسپىمۇ بىر قەدەر مۇقىم سەۋىيەدە تۇردى. جېڭجۇنىڭ ئىپادىسىمۇ ناھايىتى روشەن بولدى. خېفېي GDP ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى جەھەتتە زور نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىقتىساسلىقلار كەسپىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. دېمەك ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ، بولۇپمۇ چېڭدۇ، چۇڭچىڭلاردا ئىلگىرىلەش ئەڭ زور بولدى.

10 يىل ئىلگىرى كىشلەرنىڭ شەھەر تەرەققىياتىنى مۇزاكىرە قىلىش نۇقتىسىغا قارايدىغان بولساق ئاساسەن دېگۈدەك شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارغا مەركەزلەشكەن. مەسىلەن ئەينى چاغدا تيەنجىن بىر مەھەل گۇاڭجۇدىن ھالقىغان. لېكىن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۈگۈنكى شەھەر رىقابىتى سەھنىسىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى شەھەرلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ ۋەكىللىكىدىكى «چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى»نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك شەھەرلەر توپىغا ئايلانغانلىقىنى، ۋۇخەن، چاڭشا، جېڭجۇ قاتارلىق ئوتتۇرا قىسىمدىكى يېڭى شەھەرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىدەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىزچىل ئېشىش كۆرۈلدى. دېمەك كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدىمۇ ۋۇخەن، چىڭدۇ، چۇڭچىڭ، خېفېى قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايونلاردىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ناھايتى زور بولىدۇ.

تۈگىدى.png

来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:热依罕

制作:张伟


分享到: