新闻详情

ئاتا - ئانىلار دىققەت قىلىڭ!

发表时间:2021-02-05 10:58作者:ئەلكۈيى来源:شىنلاڭ

640-24.gif

640-59.png




ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراپ، مەكتەپلەردە كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش قىلىش، تور ۋە ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يانفون باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شەخسىي يانفونىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرسە بولمايدۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، يازما ئىلتىماس سۇنۇشى، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن يانفوننى مەكتەپ بىر تۇتاش ساقلىشى، دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشنى چەكلىشى كېرەك، مەكتەپلەر يانفون باشقۇرۇشنى مەكتەپنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كونكرېت چارە تۈزۈپ، بىر تۇتاش ساقلايدىغان سورۇن، ئۇسۇل، مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زۆرۈر ساقلاش قۇرۇلمىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، مەكتەپ ئىچى ئاممىۋى تېلېفونى تەسىس قىلىش، سىنىپ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆزلىشىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش كېرەك، يانفوندا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياكى ئوقۇغۇچىلاردىن يانفوندىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يانفونغا ئىلمىي، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىش ھەم مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاددىي، قوپال باشقۇرۇش قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئالاقىسىنى ياخشى قىلىپ، ئاتا-ئانىلار مائارىپ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى خىزمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ يانفون باشقۇرۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك، مائارىپ تەپتىشلىكى تارماقلىرى كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئالاقىدار تەلەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تۈگىدى.png

来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:热依罕

制作:张伟


分享到: