新闻详情

چاغانلىق يول يۈرۈش ئەسكەتمىسى

发表时间:2021-02-07 17:45作者:ئەلكۈيى来源:CNR


640-24.gif

640-59.png

3-فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى 2021-يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى، قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

1. يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ

2021-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

1) كونكرېت ھەق ئېلىنمايدىغان ۋاقىت 11-فېۋرال سائەت 0دىن 17-فېۋرال سائەت 24كىچە؛

2) ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ؛

3) ھەقسىز يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ دائىرىسى يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلىك كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللار.

2. بۇ ۋاقىتلاردا ئاپتوموبىل ئېقىمى زىچ بولۇشى مۇمكىن

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ يۆتكىلىش كۆلىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.

10-فېۋرالدىن 11-فېۋرالغىچە، يوللاردا ئاپتوموبىل ئېقىمى زىچ بولۇپ، قىسقا مۇساپىلىك تۇغقان يوقلاشقا ماڭغانلار ئاپتوموبىللىرى كۆپرەك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئاپتوموبىل بىر قەدەر كۆپ ۋاقىت سائەت 10دىن 12گىچە، سائەت 15تىن 17گىچە بولىدۇ؛ 16-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە، بولۇپمۇ 17-فېۋرال سائەت 15تىن 20گىچە، قايتىدىغان ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ بىر قەدەر مەركەزلىك بولىدىغانلىقى، شەھەر ئەتراپى، ئاساسلىق يوللاردا قاتناش ئېقىمىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى بولىدىغانلىقى، بايرام مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەندى.

3. ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرى

چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى نەنسەن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىغا تۇتىشىدىغان يوللاردا قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئاپتوموبىللار ئۆچرەتتە تۇرۇش، يول يۈرۈش ئاستا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۇمكىن، ئىمكان بار قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ سەپەرگە چىقىش كېرەك.

4. ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان ھەق ئېلىش پونكىتى

30G لىنىيەسى يەندۇن باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، يىۋەنچۈەن ھەق ئېلىش پونكىتى، تۇيۇق ئاساسىي لىنىيە ھەق ئېلىش پونكىتى، تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتى، سانجى شەرقىي باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، شىخەنزە باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، يەنسىخەي باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، كۇيتۇن غەربىي باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، G3003لىنىيەسى ئۇلانباي غەربىي ئاساسىي لىنىيە ھەق ئېلىش پونكىتى، S116 لىنىيەسى ئۇلانباي جەنۇبىي باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، G7 لىنىيەسى مىدۇڭ شىمالىي ئاساسىي لىنىيە ھەق ئېلىش پونكىتى، گەنچۈەنباۋ باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، فۇكاڭ باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، گۇچۇڭ ھەق ئېلىش پونكىتى، G30 لىنىيەسى كەڭساي ھەق ئېلىش پونكىتى، G3016 لىنىيەسى بايانداي ھەق ئېلىش پونكىتى، G3014 لىنىيەسى قاراماي ھەق ئېلىش پونكىتى، G3012 لىنىيەسى كورلا ھەق ئېلىش پونكىتى، G3012 لىنىيەسى ئاچال ھەق ئېلىش پونكىتى، قەشقەر شىمالىي ئاساسىي لىنىيە ھەق ئېلىش پونكىتى قاتارلىق ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا كۈندىلىك قاتناش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى، يول يۈرۈش ئاستا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ.

5. بايرام مەزگىلىدە ئۈزۈلۈپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرى ۋە ئايلىنىپ مېڭىشقا ئالاقىدار لايىھە

1) G217 لىنىيەسى K581-K672 (بايىنگۇدىن چورماغىچە) يول بۆلىكى، K670-K773 (خاشىلگېن تونېلىدىن نارات تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە) يول بۆلىكى، K775-K816 (نارات شۆبە ئىدارىسىدىن خۇڭجالىق داۋىنىغىچە) يول بۆلىكى ۋە K905+114-K989+000 (خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق 2-يېزىسى بايىنغولىن چوڭ كۆۋرۈكىدىن كۇچا شەھىرى قورۇل كۈسەن كۆمۈر كېنى ئامانلىق تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە) يول بۆلىكىدە، قىش پەسلىدە شامال چىقىپ قار يېغىش ۋە قار كۆچۈش ئاپىتى يۈز بەرگەچكە، شۇ جايدىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قىش پەسلىدە بۇ يول بۆلىكىنى قوش يۆنىلىشتە تاقايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلى 31-ماي قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

2) G219 لىنىيەسى K383+000-K405+582 (جېمىنەي ناھىيەسىدىن قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى شەھەر ئەتراپىغىچە) يول بۆلىكى ۋە G219 لىنىيەسى K405+582-K451+334 (قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىن قوبۇقسار ناھىيەسى بىلەن جېمىنەي ناھىيەسى چېگراسىغىچە) يول بۆلىكى قاتارلىق تاغلىق رايوندىكى يول بۆلەكلىرىدە ئۇدا جىددىي ئەگمە داۋان بولغانلىقى، بوران چىقىپ قار يېغىشتەك تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قىش پەسلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىنى قوش يۆنىلىشتە تاقايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلى 31-مارت قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. G219 لىنىيەسى K1433-K1442 (چوڭ خونۇقاي تونېلىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە) يول بۆلىكىدە، قىش پەسلىدە ئاسانلا شامال چىقىپ قار يېغىش ۋە قار كۆچۈش قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، شۇ جايدىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قىش پەسلىدە بۇ يول بۆلىكىنى قوش يۆنىلىشتە تاقايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلى 20-ئىيۇن قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

3) G579 لىنىيەسى K0+000-K19+295 (ئاچا يول ئېغىزىدىن قىزىل ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە) يول بۆلىكىدە، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى خىزمەت سەۋەبىدىن بۇ يول بۆلىكىنى قوش يۆنىلىشتە تاقايدۇ، ئاپتوموبىللار S307 لىنىيەسىنى ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى كېيىن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

4) G312 لىنىيەسى K4253-K4303 (قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرىدىن ماناس ناھىيەسى ئېگىز كۆۋرۈكىگىچە) يول بۆلىكىدە، يولنى كېڭەيتىپ ياساش سەۋەبىدىن قوش يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، ئاپتوموبىللار نەق مەيدان بەلگە تاختىسىغا قاراپ يان يولدىن ئايلىنىپ ماڭسا ياكى S201 لىنىيەسىدىن ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2021- يىلى 30-ماي قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، قالغان يول بۆلەكلىرىدە قاتناش نورمال قاتنايدۇ.

5) G335 لىنىيەسى K2+100-K95 (ئاراتۈرۈكتىن كومىنزىغىچە) يول بۆلىكىدە، كېچىدە يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر كۈنى سائەت 19دىن ئەتىسى سائەت 8گىچە بۇ يول بۆلىكىدە ماڭىدىغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا قارىتا قوش يۆنىلىشتە قاتناش تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشنى پىلانلىدى، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار نورمال قاتنايدۇ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى كېيىن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

6) S249 لىنىيەسى K0-K26 (كومىنزىدىن نەنسەن ئېغىزىغىچە) يول بۆلىكىدە ئۇدا جىددىي ئايلانما تىك داۋان بولغانلىقى، شامال ۋە قار ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قىش پەسلىدە بۇ يول بۆلىكىنى قوش يۆنىلىشتە تاقايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلى 1-ماي قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

7)S315 لىنىيەسى K180+300-K186+570 (توققۇزتارا يول ئېغىزىدىن نىلقا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغىچە) يول بۆلىكىدە، G578 لىنىيەسىنىڭ دۆڭمازاردىن نىلقا بۆلىكىگىچە بولغان تاشيولدا قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشلىك يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، ئاپتوموبىللار نەق مەيدان بەلگە تاختىسىغا ئاساسەن يول يۈرسە بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلى 30-ئىيۇن قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

8) S237 لىنىيەسى K47-K83 (نۇراخۇندىن موڭغۇلكۈرەگىچە) يول بۆلىكىدە، قىش پەسلىدە شامال چىقىپ قار يېغىش ۋە قار كۆچۈش ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، شۇ جايدىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قىش پەسلىدە بۇ يول بۆلىكىنى قوش يۆنىلىشتە تاقايدۇ، موڭغۇلكۈرەگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار S220 لىنىيەسىنى ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلى 20-ئىيۇن قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

6. تاشيول مۇلازىمەت رايونى، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى

G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ تۇرپان-شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى بۆلىكىتۇرپان مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى، تازىلىق ئۆيى، ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىۋېتىلىدۇ، ئاشخانىسى ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ؛ ساركۆل، تۇيۇق، نەنخۇ مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىۋېتىلىدۇ، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، تاللا بازىرى، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش دۇكىنى ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ؛ توقسۇن مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى، شەرقىي رايون ماي قاچىلاش پونكىتى، تازىلىق ئۆيى نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ، تاللا بازىرى، غەربىي رايون ماي قاچىلاش پونكىتى ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ؛ تۇزكۆلنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مۇلازىمەت رايونلىرى نورمال ئېچىلىدۇ، مۇلازىمەت رايونىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتى نورمال مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ شياۋساۋخۇ قوش يۆنىلىشلىك مۇلازىمەت رايونى نورمال ئېچىلىدۇ، ئەمما ماي قاچىلاش پونكىتى تېخى پۈتمىدى، ماي قاچىلىغىلى بولمايدۇ.G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچى-كۇيتۇن بۆلىكىۋۇگۇڭتەي مۇلازىمەت رايونى (3678KM)نىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى رايونىدىكى تازىلىق ئۆيى، تاللا بازىرى، ئاشخانا ياسىلىپ پۈتتى، نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شىمالىي رايون (ئۈرۈمچىدىن چىقىش يۆنىلىشى)دىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى نورمال مۇلازىمەت قىلىدۇ، جەنۇبىي رايون (ئۈرۈمچىگە كىرىش يۆنىلىشى)دىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى مۇلازىمەت قىلمايدۇ.

G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىفۇكاڭ قوش يۆنىلىشلىك مۇلازىمەت رايونى، داخۇاڭشەن قوش يۆنىلىشلىك مۇلازىمەت رايونى نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە داخۇاڭشەن مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتى نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ، فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، ماي قاچىلاشقا بولمايدۇ.ئۈرۈمچى شەرقى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىيەنئەن يولى مۇلازىمەت رايونى ئىككىلا يۆنىلىشتە نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ، ئىككىلا يۆنىلىشتە ماي قاچىلاش پونكىتى يوق؛ مىدۇڭ مۇلازىمەت رايونىنىڭ جەنۇبىي رايونى نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ، شىمالىي رايونى يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، ئىككىلا يۆنىلىشتە ماي قاچىلاش پونكىتى يوق.S12 لىنىيەسىنىڭ دۆڭمازاردىن ناراتقىچە بولغان يول بۆلىكىنارات، تۈرگېن، بەشدۆڭ، مىس مۇلازىمەت رايونلىرىدا پەقەت تازىلىق ئۆيىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، يۈرۈشلەشكەن ماي قاچىلاش پونكىتى تېخى پۈتمىدى.

بايرام مەزگىلىدە، قاتناش تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى 12328، ETC مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 96200 قاتارلىقلار 24 سائەت قىزىق لىنىيە مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەگەر تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز 110، 12122، 12328 مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى سەپەرگە چىقىدىغانلارنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، مۇداپىئەنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. تۈرلۈك قاتناش-تىرانسپورت مەيدان-پونكىتلىرى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق سورۇنلارغا كىرگەندە، تەلەپ بويىچە «ساغلاملىق كودى»نى كۆرسىتىش كېرەك.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: