新闻详情

مانا بۇ «شادلىق 8» ئۇيۇنىنىڭ سېھرىي كۈچى!

发表时间:2021-01-28 12:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


شادلىق 8 ئويۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇش، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيىچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى جەلپ قىلدى، تۆۋەندە مەن سىزگە بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك شادلىق 8 ئۇيۇنى بىزگە قانداق خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىمەن.

لاتارىيەچى گو ئەپەندى ئاپتوموبىل شوپۇرى بولۇپ، شوپۇرلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 10 يىل بولدى. 2013 ـ يىلى، ئۇ ئالتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە مال توشۇۋاتقاندا، لاتارىيە بېلىتى بىلەن تۇنجى قېتىم تۇنۇشقان، ئۇ چاغدا گو ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، دائىم دوستلىرى بىلەن بىللە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، شۇ باشلىغانچە مانا ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېىتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا يەتتە ـ سەككىز يىل ئىدى. 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، گو ئەپەندى مالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى 65430156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ «شادلىق 8» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئويۇننى ئويناۋاتقانلىقىنى يەنە كېلىپ يەنىلا بىرلىشىپ سېتىۋالغانلىقىنى كۆردى، گو ئەپەندى ئويۇن قائىدىسىنى بىر قۇر چۈشەنگەندىن كىيىن بۇ ئۇيۇننى ياخشى كۈرۈپ قالدى، ئۇ مال ساتقۇچىدىن بىرلىشىپ سېتىۋالىدىغان ئادەم بار ـ يوقلۇقىنى سورىدى، مال ساتقۇچى شياۋليۇ مۇنداق دېدى:«بۇ يەردە ئون ئادەم بىرلىشىپ سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى بار، نومۇر تاللاش ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم قاتنىشىدۇ»-دېدى، گو ئەپەندى ھېچنېمە دېمەستىن مال ساتقۇچىغا كۆڭلىدىكى ئىككى نومۇرنى ئېيتتى، ئاندىن مال ساتقۇچى باشقا نومۇرلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن بېلەت چىقاردى. ئويلىمىغان يەردىن، شۇ كۈنى كەچتە بۇ پارارۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇنىڭغا مۇكاپات چىققانلىقىنى ئۇقتۇرغان، گو ئەپەندى بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمەي، دەرھال تېلېفون بېرىپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ خۇشال ھالدا مال ساتقۇچىغا مۇنداق دېگەن:« تۇنجى قېتىم "شادلىق 8" ئۇيۇنىغا قوشۇلۇپ 1000 يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات چىقتى، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم، "شادلىق 8" ماڭا مۇكاپاتنىڭ تەمىنى تېتىتتى، مەن بۇنىڭدىن كىيىن دوستلىرىم بىلەن بىرلىشىپ داۋاملىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن.»-دېدى.

بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا ھەر بىر ئادەمنىڭ دو تىكىش سوممىسى ئاز بولۇپلا قالماي، يەنە مۇكاپات چىقىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ما ئەپەندى بىر نەچچە سىڭلىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىككى دانە   «شادلىق 8» لاتارىيە بېلىتى بىرىكمە نومۇر سېتىۋالدى، ئاكا-سىڭىل تۆت ئادەم 110 يۈەندىن چىقىرىپ سېتىۋالدى، مۇكاپات نومۇرى ئېچىلغاندا، ئويلىمىغان يەردىن بىرمۇ نۇمۇر چىقمىدى، بۇ قېتىم تۆت ئادەم تىت-تىت بولۇپ كەتتى، لاتارىيە بېلىتىنى تاشلىۋەتمەكچى بولغاندا، ساتقۇچى خادىم دەرھال:« ما ئاكا، بېلەت تاشلاشقا ئالدىرىماڭلار، گەرچە بىر تالمۇ مۇكاپات چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن سىلەر يەنىلا مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيسىلەر»-دەپ ئەسكەرتتى. دەسمايە قايتىپ كېلىدۇ! ما ئەپەندى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ«يەنە مۇشۇنداق ياخشى ئىشمۇ بارمۇ؟ مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن.»-دەپ سورىدى، مال ساتقۇچى خادىم:« مانا بۇ" شادلىق 8" نىڭ سېھرىي كۈچى!»-دېدى.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ما ئەپەندى بىر نەچچە سىڭلىسى بىلەن يەنە 65430160 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. يەنىلا «شادلىق 8» ئۇيۇنى توققۇزنى تاللاش ئۇسۇلى بويىچە نۇمۇر تاللاپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، لېكىن يەنىلا بىر نومۇرمۇ چىقمىدى. بىراق ئۇلار يەنىلا 440 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ما ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«شادلىق 8 ئۇيۇنى مۇشۇنداق قىزىقارلىق ئىكەن، مەن يەنە داۋاملىق سېتىۋالىمەن!»-دېدى.

1.png
分享到: