新闻详情

ئاكا ـ ئۇكا ئىككەيلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-28 17:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

قاردىن كېيىن ھاۋا ئەمدىلا ئېچىلىپ، قۇياش نۇرى ناھايىتى ئىللىق بولدى. 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى ئاكا ـ ئۇكا شاد ـ خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ   مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى، ئۇلار 185 دو 3D يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 192400 يۈەن بولدى. ئاكا-ئۇكا ئىككىسى زادى قانداق قىلىپ «باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان» تېخنىكىغا تايىنىپ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؟

مۇكاپات نەقلەشتۈرگەندە، ئىككىيلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەچۈرمىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ناھايىتى پەخىرلەندى. 1- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچ سائەت 7 لەر ئەتراپىدا، ئىككىيلەن كېلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى شىنمىن شەرقىي كوچىسى 65010803 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، بۇ ئۇلارنىڭ تاماقتىن كېيىنكى «كونا جايى» ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاكىسى 3D ئويۇنىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئىنىسىمۇ بۇ ئويۇنغا قاتنىشىپ، 3D ئويۇنىنىڭ «باشلانغۇچ دەرىجىلىك» لاتارىيەچىسى بولۇپ قالغان. ئاكىسى يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، «كىچىك نومۇر» نىڭ چىقمىغانلىقىغا خېلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى بايقىدى، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئاكىسى مۇۋاپىق «سوغۇق نۇمۇرنى قوغلىشىش» ھەمدە ئىسسىق نۇمۇر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ دو تىكىش ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ قاراپ، ئىنىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن 0، 1، 2، 3، 6، 9 دىن ئىبارەت ئالتە سانغا يەككە تاللاش گۇرۇپپىسى ئالتە بىرىكمە نومۇر قوللىنىپ جەمئىي 185 ھەسسە دو تىكىشنى قارار قىلدى ۋە دو تىكتى.

كېيىن ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن پاراۋانلىق پونكىتىدىن ئايرىلماي، مۇكاپات ئېچلىشنى كۈتتى. شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، تونۇش بولغان ئۈچ نومۇر ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، 3D ئويۇنى 2021007-قارارلىق مۇكاپات نومۇرى 290 بولۇپ، ئۇلار دو تىككەن ئالتە سان ئىچىدە 2، 9، 0 دىن ئىبارەت ئۈچ سان بار ئىدى، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن 185 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 192400 يۈەن بولدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن بىرىنچى بولۇپ نۇرغۇن ئىچىملىك سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەرگە سوۋغا قىلدى. ئۇلار لاتارىيە سېتىۋېلىشمۇ ئۆز ئىقتىدارى دائىرىسىدە، نورمال روھىي ھالەت بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشسە تەبىئىيلا خۇشال بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىسە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقانلىق دەپ ئويلايدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم بۇنداق كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە بۇ خۇشاللىقنى چۇقۇم كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىش كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى!

2.png

分享到: